مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالتاي − كۆكتوقاي − شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىنىڭ ئالتاي − كۆكتوقاي بۆلىكىدە رېلىس ياتقۇزۇلدى

2020.04.01 18:47 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز لۇ فېڭباۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر مۇ جىپېڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى سائەت 11 دە، كۆكتوقاي ناھىيەسى ۋوگزالىغا يېقىن جايدىكى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، 25 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر گۇرۇپپا رېلىسنىڭ يول ئۇلىغا مۇقىم، توغرا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بىلەن ئالتاي − كۆكتوقاي − شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىنىڭ ئالتاي − كۆكتوقاي بۆلىكىگە رېلىس ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

  «بۇ يىل ئالتاي − كۆكتوقاي − شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىدىغان ھالقىلىق يىل، تۈر بۆلۈمى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەت تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن يېتەرلىك سەپلەپ، تولۇق سەپلەپ، ئاپتوموبىل + پويىز كۈچ ئۇلاپ توشۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنى تېزدىن ئىش ئورنىغا قايتىپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەشكىللىدى». جۇڭگو تۆمۈريول 1 - ئىدارىسى ئالتاي − كۆكتوقاي − شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولى رېلىس ياتقۇزۇش تۈر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى جياڭ جىشېڭ مۇنداق دېدى: «بىز قۇرۇلۇش تەشكىللەش لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ماتېرىياللارنى مەيدانغا كىرگۈزۈشكە ئىلمىي تەشكىللەش، قوش ئىسمېنا مەشغۇلاتى قوللىنىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، رېلىس ياتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز».

  ئالتاي − كۆكتوقاي − شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، جۇڭگو تۆمۈريول شىركىتى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى مەخسۇس ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش لايىھەسى تۈزۈپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى باھالاش، خادىملارنى تەربىيەلەش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى ھەم مەخسۇس پويىز سېلىپ قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلاردىكى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان خادىملارنى تېز سۈرئەتتە شىنجاڭغا قايتىشقا تەشكىللىدى.

  ئالتاي − كۆكتوقاي − شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولى شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭدىن چىقىدىغان شىمالىي يولىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، شىمالىي ئالتاي تۆمۈريولىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى ئالتاي شەھىرىدىن باشلىنىپ، ئاخىرىدا شەرقىي جۇڭغار شىمالىي بېكىتىگە بارىدۇ، شىمالىي ئۇچى ئۈرۈمچى(شىمالىي) − جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولىغا تۇتىشىدۇ، لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 427 كىلومېتىر بولۇپ، يېڭىدىن 12 بېكەت قۇرۇلىدۇ. پۈتۈن لىنىيەدە بۇ يىل 8 - ئايدا قاتناش باشلاش پىلانلانغان بولۇپ، شۇ چاغدا كۈيتۈن − بېيتۈن تۆمۈريولى، لەنجوۋ − شىنجاڭ لىنىيەسى، ئۈرۈمچى − جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولى بىلەن بىرلىكتە شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسى بارلىققا كېلىدۇ، بۇ، رايون يول تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، لىنىيە بويىدىكى رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ