مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل 2 مىليون مو ئورمان بەرپا قىلىشنى پىلانلىدى

2020.04.01 18:37 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئورمان، ئوتلاق تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، 2 مىليون مو ئورمان بەرپا قىلىپ، 3 مىليون مودىن ئارتۇق قۇملاشقان يەرنى تۈزەشنى پىلانلىغان.

  بۇ يىل ئاپتونوم رايون ئېتىز - ئېرىق ئىھاتە ئورمىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ۋە كەنتلەرنى كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈشنى بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىش، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، يەرلىك دەرەخ تۈرلىرىنى ئاساس قىلىپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، ھۆكۈمەت كۆچەت بىلەن تەمىنلەش، ئاممىنى كۆچەت تىكىشكە سەپەرۋەر قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. مېۋىلىك كۆچەتكە باب كەلسە مېۋىلىك كۆچەت تىكىش، دەرەخكە باب كەلسە كۆچەت تىكىش، گۈل - گىياھقا باب كەلسە گۈل تېرىش، ئوتلاققا باب كەلسە ئوت - چۆپ تېرىش پىرىنسىپى بويىچە، 2022 - يىلىغا بارغاندا 950 مىڭ مو ئېتىز - ئېرىق ئىھاتە ئورمىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى تاماملاش ھەم كەنتلەرنى كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاش مۆلچەرلەندى، بۇ يىل 200 مىڭ مو باغنىڭ ھەممىسىدە ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى ئالدىن تاماملىنىدۇ.

  ئاپتونوم رايونىمىز سۇغىرىش ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇغا بولغان ئېھتىياجغا كاپالەتلىك قىلىپ، كېيىنكى مەزگىلدىكى باشقۇرۇش - پەرۋىشنى كۈچەيتىپ، ئورمان بەرپا قىلىپ ئورمانلىقنى كۆرۈش، كۆچەت تىكىپ يېشىللىقنى كۆرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش پائالىيىتىنى پائال تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، «ئالاقە تورى+ئومۇمىي خەلق مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش» مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش شەكلىنى بېيىتىپ، ئومۇمىي خەلق مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش ۋە تارماقلار كۆكەرتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئورمان - ئوتلاق سىستېمىسى تېرىقچىلىقتىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالاشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش بويىچە مالىيە ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغى «ھەممىباب كارتا»سىنى راست نامى بىلەن ياخشى تارقىتىشقا ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، كۆزىتىش ۋە باھالاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، 924 مىڭ مو يەرنى تېرىقچىلىقتىن ئورمانغا قايتۇرۇش، 109 مىڭ مو يەرنى تېرىقچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇشنى تاماملايدۇ؛ چېكىنگەن ئوتلاقنى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، چېكىنگەن ئوتلاقنىڭ سۈنئىي ئوت - چۆپ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سىناق نۇقتىسى تۈرىنى يولغا قويۇپ، چېكىنگەن ئوتلاقنىڭ 190 مىڭ موسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش - تۈزەشنى، 10 مىليون 900 مىڭ موسىدا ھاشارات - چاشقان ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىشنى تاماملايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ