مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئورمان، ئوتلاق ئوت مۇداپىئە - ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنى قەتئىي، كەسكىن ياخشى تۇتۇش كېرەك

2020.03.27 18:03 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايوننىڭ ئەتىياز پەسىللىك ئورمان، ئوتلاق ئوت مۇداپىئە - ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىلدى ئورمان، ئوتلاق ئوت مۇداپىئە - ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنى قەتئىي، كەسكىن ياخشى تۇتۇش كېرەك شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەتىياز پەسىللىك ئورمان، ئوتلاق ئوت مۇداپىئە - ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىز ئەتىياز پەسىللىك ئورمان، ئوتلاقلاردا ئوت ئاپىتى كۆپ، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىدىغان مەزگىلگە، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە قەدەم قويدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئورمان، ئوتلاقلاردىكى ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولسىمۇ، بىراق ئوت ئاپىتى خەۋپى دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇش، كەسپىي كۈچلەر يېتەرسىز بولۇش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرمۇ ساقلانماقتا.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئورمان، ئوتلاقلاردا ئوت مۇداپىئە - ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئورمان، ئوتلاقلاردا ئوت مۇداپىئە - ئوت ئۆچۈرۈش ئىشلىرىدا دۇچ كەلگەن كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى توغرا ئىگىلەپ، ئەستايىدىل مەسئۇل بولۇپ، ئورمان، ئوتلاقلاردا ئوت مۇداپىئە - ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، يوشۇرۇن خەۋپنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى زورايتىپ، ئوت مەنبەسىنى باشقۇرۇشنى قاتتىق تۇتۇپ، سىگنال بېرىش، كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش دەسلەپكى لايىھەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوت ئەھۋالىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئورمان، ئوتلاقلاردا ئوت مۇداپىئە - ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، زور ئورمان ئوت ئاپىتى يۈزبەرمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، مۇقىملىق خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، «13 - بەش يىللىق» يىرىك پىلان نىشان - ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ