مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋۇسەيۋەن «ئاقىل ئېلېكتىر ئىستانسىسى» تىرىشىپ 6 - ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ

2020.03.27 18:00 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  «نۆۋەتتە، دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتى ۋۇسەيۋەن شىمالىي 2 - ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 660×2 مىڭ كىلوۋاتلىق تۈرىنىڭ 2 - نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى پار روتورىنى قۇراشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئاخىرقى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى.» 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لىن خۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2 - نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇش تۈرى 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى رەسمىي ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، سۈرئەتنى تېزلىتىپ، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى ئالدىغا سۈرۈپ، ئىلگىرىلەش دەرىجىسىنى تېزلىتىپ، 6 - ئاينىڭ باشلىرىدا ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشماقتا.

  ۋۇسەيۋەن شىمالىي 2 - ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرى «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 2 - يولىنىڭ يانداش ئېلېكتىر مەنبەسى قۇرۇلۇشىغا تەۋە بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە باشقۇرۇشتىكى ئاقىللاشقان ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى، نەرسە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئانالىزى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، بىر كۇنۇپكا بىلەن قوزغىتىش - توختىتىش (APS) قاتارلىق زامانىۋى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، يۈرۈشتۈرۈش، تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش، بىخەتەرلىك، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق بۆلەكلەرنى ئەقلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، بىخەتەر، مۇھىت ئاسرايدىغان «ئاقىل ئېلېكتىر ئىستانسىسى» بەرپا قىلىنىدۇ. بۇ تۈرگە جەمئىي 4 مىليارد 900 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، پۈتكەندىن كېيىن يىللىق توك تارقىتىش مىقدارى 6 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشىدۇ، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بازىسىنى ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يەرلىك ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

  3 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتى قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەردە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتتى. 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 2 - يولىنىڭ يانداش يېڭى ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى مورى 300 مىڭ كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر تۈرىدە ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، ھازىر نەق مەيداندا قۇرۇلۇش ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى، 11 - ئاينىڭ ئاخىرىدا تولۇق سىغىمدا تورلاشتۇرۇش پىلانلاندى. بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتىگە قاراشلىق مورى گويۈەن تيەنلى لاۋجۈنمياۋ شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى، مورى لاۋجۈنمياۋ جەنۇبىي يىغىلىش پونكىتى، توقسۇن يۈەنشىن شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈر ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، بالدۇر ئىش باشلاش، بالدۇر قۇرۇلۇش قىلىش، بالدۇر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرماقتا.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ