ئاپتونوم رايون 4 - قېتىملىق پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە مۇھىم نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى
3 - كەسىپ ئاپتونوم رايونىمىز خەلق ئىگىلىكىدىكى بىرىنچى چوڭ كەسىپكە ئايلاندى
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ شياڭنىڭ 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ 4 - قېتىملىق پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش مۇھىم نەتىجىلىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 23 مىڭ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خادىمىنىڭ جاپالىق تىرىشىشى بىلەن، ئاپتونوم رايون 4 - قېتىملىق پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە مول، تەپسىلىي ماتېرىيال ۋە مۇھىم نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇ قېتىمقى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018 - يىلىنىڭ ئاخىرى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 3 - كەسىپنىڭ كەسىپ پائالىيەت بىرلىك سانىنىڭ 2 -، 3 - كەسىپ ئومۇمىي سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %85.4كە يەتكەن، 3 - كەسىپ قانۇنىي ئىگە ئورۇنلىرىنىڭ مۈلۈك ئومۇمىي يىغىندىسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى% 74.7كە يەتكەن، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %70.8كە يەتكەن. 3 - كەسىپ ئاپتونوم رايونىمىز خەلق ئىگىلىكىدىكى بىرىنچى چوڭ كەسىپكە ئايلانغان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ مەقسىتى ئاپتونوم رايونىمىزدا 2 - كەسىپ ۋە 3 - كەسىپنىڭ تەرەققىيات كۆلىمى، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئۈنۈمىنى ئېنىقلاپ، كەسىپكە تەشكىللەش، كەسىپ قۇرۇلمىسى، كەسىپ تېخنىكىسى، كەسىپ ھالىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەمدە ھەرقايسى ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىنىڭ تەركىبىنى ئىگىلەپ، ئىسلاھات - تەرەققىياتتىكى يېڭى ئىلگىرىلەشنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئوتتۇرا - ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئىلمىي، توغرا بولغان ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇمات تىرىكى بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت.
بۇ قېتىمقى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئوبيېكتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 2 - كەسىپ ۋە 3 - كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بارلىق قانۇنىي ئىگە ئورۇنلار، كەسىپ پائالىيىتى قىلىدىغان ئورۇنلار ۋە يەككە تىجارەتچىلەر. ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ ئۆلچەملىك ۋاقىت نۇقتىسى 2018 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرگەن مەزگىلدىكى ماتېرىيال 2018 - يىلىدىكى يىللىق ماتېرىيال.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ