توختاملاشقان ئائىلە دوختۇرى ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى

2020.03.25 17:55 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 3-ئاينىڭ 23-كۈنى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قورغاس ناھىيەسى لۇساۋگۇ بازىرى دۆڭمەھەللە كەنتىدىكى دوختۇر لەن ۋېي كەنت ئاھالىسى بۇئايشەم تۇداخۇننىڭ قان بېسىمىنى ئۆلچىمەكتە.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قورغاس ناھىيەسى 2016-يىلىدىن باشلاپ ئائىلە دوختۇرى كېلىشىم مۇلازىمىتى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ناھىيە بويىچە 91 ئائىلە دوختۇرى مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، ئاساسلىقى ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىك بىمارلىرى، ياشانغانلار، تۇبېركۇليوز بىمارلىرى، 0 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان بالىلار، ھامىلىدار ئاياللار ۋە نامرات ئائىلىلەر بىلەن كېلىشىم ئىمزالاشتىن باشلاپ، بارلىق ئاھالىلەرنى تەدرىجىي قاپلىدى. شۇ جايدا يەنە ئائىلە دوختۇرلىرى كېلىشىم مۇلازىمىتى يان تېلېفون APP سىستېمىسى قۇرۇلدى، يان تېلېفون APP تە كېلىشىم ئىمزالانغاندىن كېيىن ئاھالىلەر يان تېلېفون ئارقىلىق شەخسىي ساغلاملىق ئارخىپى، سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋە ئالدىن كېلىشىش مۇلازىمىتى قاتارلىقلارنى تەكشۈرەلەيدىغان بولۇپ، ئاھالىلەر بىلەن ئائىلە دوختۇرلىرى توردا پىكىر ئالماشتۇرۇپ مەسلىھەت سوراشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ