مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چەرچەن ناھىيەسى: خىزمەت ئەترىتى خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى

2020.03.25 17:43 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  «ھاشىم شۇجى، ئۆيىمىزنىڭ ئەۋرەز يولى توسۇلۇپ قاپتۇ، توختىماي سېسىق پۇراق چىقىۋاتىدۇ، قانداق قىلىمىز؟» يېقىندا، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەسى ئاچچان بازىرى كۆنچىبۇلاق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ھەسەن ئىمىن خىزمەت ئەترىتىگە كېلىپ ئىنكاس قىلدى.

  چەرچەن ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئاچچان بازىرى كۆنچىبۇلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈپ، سەككىز نوپۇسلۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ ئەۋرەز يولىنىڭ توسۇلۇپ قالغانلىقىنى بايقىدى. خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كادىرلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆي سىرتىدىكى يەر ئاستى تۇرۇبا يولىنى كولاپ ئېچىشقا تەشكىللەپ، تۇرۇبا يولىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ھەمدە كېرەكسىز نەرسىلەرنىڭ توسۇلۇپ قالغانلىقىنى بايقىدى.

  كېڭىشىش ئارقىلىق، خىزمەت ئەترىتى خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش خىراجىتىدىن 2600 يۈەن ئاجرىتىپ، 100 مېتىرلىق يېڭى تۇرۇبا ۋە 10 خالتا سېمونت سېتىۋالدى، ئىككى كۈنلۈك قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، يېڭى ئەۋرەز يولى ئالماشتۇرۇلدى. نەق مەيداندا سىناق ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، پاسكىنا سۇ نورمال قويۇپ بېرىلدى ھەمدە غەيرىي پۇراق چىقمىدى.

  بۇ كەنتنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ھاشىم قۇربان مۇنداق دېدى: «ئاممىنىڭ ئىشىدا كىچىك ئىش يوق، بىز داۋاملىق كۆڭۈل قويۇپ، مېھىر-مۇھەببەت بىلەن ئامما خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەيمىز.»
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ