مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نىلقا سۇلۇق يەر قەدىمىي تېرەك مەنزىرە رايونى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ

2020.03.24 17:26 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى نىلقا ناھىيەسى بازىرىغا تۆت كىلومېتىر كېلىدىغان نىلقا ناھىيەسى سۇلۇق يەر قەدىمىي تېرەك مەنزىرە رايونى جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئەڭ چوڭ، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇرۇلغان، ئەڭ مۇكەممەل قوغدالغان سۇلۇق يەر قەدىمىي تېرەك ئورمانلىقلىرىنىڭ بىرى، مەنزىرە رايونىدا قەدىمىي تېرەكلەر ئاسمانغا تاقاشقان، ھاۋاسى ساپ، ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك ساياھەت، داۋالىنىش، ئىستىراھەت، يېزا-كەنت تۇرمۇشىنى ھېس قىلىش، ئالاھىدە ساياھەت قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدار بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال ساياھەت مەنزىرە رايونى ھېسابلىنىدۇ. 3-ئاينىڭ 20-كۈنى، مۇخبىرنىڭ نىلقا ناھىيەلىك چۈەنيۈ ساياھەت مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۈگۈن (3-ئاينىڭ 23-كۈنى)دىن باشلاپ 4-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، سۇلۇق يەر قەدىمىي تېرەك مەنزىرە رايونى ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدىكەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تېببىي خادىملار ئۈنۈملۈك خىزمەت كىنىشكىسى بىلەن مەنزىرە رايونىنىڭ پۈتۈن يىللىق بېلەت كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن، 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساقچى ئىشلىرى خادىملىرى (ساقچى ئەمەلدارلىق كىنىشكىسى، ياردەمچى ساقچى ئىسپاتى بارلار)، نىلقا ناھىيەسىدىكى مەھەللە خىزمەتچىلىرى (مەھەللە خىزمەتچى ئىسپاتى بارلار) يېرىم باھالىق بېلەت ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئېقىمغا چەك قويۇپ ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان بولۇپ، باغچىغا كىرگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ساياھەتچى مىقدارىنىڭ %50ىدىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رايونلار ئارا ئاپتوبۇستا ئولتۇرغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئادەم توشۇش سانىنىڭ %50ىدىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ