مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كۇچادا توك ئىشلىتىش تەننەرخى تۆۋەنلىتىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە كۈچ قوشتى

2020.03.24 17:25 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  «دۆلەتنىڭ توك ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىگە ئاساسەن، بىز بىر مۇنچە توك پۇلىنى تېجەپ قالالايمىز، بۇ ناھايىتى ياخشى خەۋەر ئىكەن» 3-ئاينىڭ 18-كۈنى، شىنجاڭ شيېيى توقۇمىچىلىق پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى شيې يىمىن شۇنداق دېدى.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە كارخانىلارنىڭ تىجارەت بېسىمىنى يەڭگىللىتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى كۇچا شەھەرلىك توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى دۆلەتنىڭ توك ئىشلىتىش تەننەرخىنى باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈردى، بىر تۈركۈم ئابۇنىچىلار بۇ پايدىدىن بەھرىمەن بولدى.

  دۆلەت ئېلېكتىر تورى كۇچا شەھەرلىك توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لياڭ گوخۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «كۇچا شەھىرىدە جەمئىي 140 مىڭ توك ئىشلەتكۈچى ئائىلە بار بولۇپ، 15 مىڭ ئابۇنىچى پايدىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن، 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە 19 مىليون 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق توك ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش مۆلچەرلەندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ