مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇ يىل «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» تۈرى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 290 مىڭ ئائىلىلىككە يېقىن ئاھالىگە نەپ يەتكۈزىدۇ

2020.03.24 17:23 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۈجاۋنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 24 ناھىيە، شەھەر، 199 يېزا - بازار، 1078 كەنت، 288 مىڭ 672 ئائىلىلىك ئاھالىنىڭ كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىپ ئىسسىنىش ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن بۇرۇن قۇرۇلۇش ۋەزىپىسى تاماملىنىپ، پار بېرىش مەزگىلىگە كىرگەندىن كېيىن، ئاھالىلەرنىڭ توك بىلەن ئىسسىنىش ئۈسكۈنىسىنى نورمال ئىشلىتەلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.

  2019 - يىلى قىشتا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قىسمەن ئاھالىلەر تۇنجى «مەش» ئىشلەتمەيدىغان ئىسسىنىش پەسلىدىن بەھرىمەن بولدى. «ئىلگىرى كۆمۈر قالاپ ئىسسىناتتۇق، ئۆينىڭ ئىچى كۈل بولۇپ كېتەتتى، بەزىدە يېرىم كېچىدە كۆمۈر سېلىشنى ئۇنتۇپ قالساق توڭلاپ ئۇخلىيالمايتتۇق. بۇلتۇر كەنتتە توك بىلەن ئىسسىنىش ئەسلىھەلىرى نۇقتىدا سىناق قىلىپ ئورنىتىلدى، قىش كىرىشى بىلەنلا ئائىلىمىزدە توك بىلەن ئىسسىنىش ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلاندۇق، پاكىز ھەم قولايلىق ئىكەن» دېدى 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ قىزىلسۇ يېزىسى گۈلباش كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى نۇرئېلى قاسىم.

  مۆلچەر بويىچە ھېسابلىغاندا، بىر ئىسسىنىش پەسلى 135 كۈن، ئىسسىنىش كۆلىمى 50 كىۋادرات مېتىر بولسا، ھەربىر ئائىلىنىڭ يىلدا توك بىلەن ئىسسىنىشقا ئىشلىتىدىغان توك مىقدارى تەخمىنەن 5000 كىلوۋات سائەت، ھەر كىلوۋات سائەت توكنىڭ ئۇنىۋېرسال باھاسى تەخمىنەن 0.198 يۈەن بولسا، ھەربىر ئائىلىنىڭ توك پۇلى چىقىمى تەخمىنەن 1000 يۈەن بولىدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا ئاھالىلىرى قىشتا ئىسسىنىشقا، تاماق ئېتىشكە تەخمىنەن بىر - ئىككى توننا كۆمۈر ئىشلىتىدۇ، ھەربىر ئائىلىنىڭ كۆمۈر ئىشلىتىش چىقىمى 600 يۈەندىن 1600 يۈەنگىچە بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سېلىشتۇرۇپ قارايدىغان بولساق، ھازىر توك بىلەن ئىسسىنىش خىراجىتى چىقىمى ئاساسىي جەھەتتىن ئائىلىلەرنىڭ كۆمۈر ئىشلىتىش چىقىمى بىلەن تەڭلىشىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ھاسىلىي ئېنېرگىيە كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش مىقدارى تۆۋەنلەش، دۆلەتنىڭ ئېتىبار بېرىش سىياسىتى بىلەن قوللىشى قاتارلىق پايدىلىق ئامىللار سەۋەبىدىن، توك بىلەن ئىسسىنىش خىراجىتى باشقا ئىسسىنىش شەكىللىرى خىراجىتىگە قارىغاندا يەنىمۇ تۆۋەنلەيدۇ.

  «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» تۈرى يەنە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە ۋاسىتىلىك تۈرتكە بولىدۇ، «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» تۈرى قۇرۇلۇشىدا ئىشلەۋاتقان خادىملارنىڭ كۆپىنچىسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يەرلىك كەنت ئاھالىلىرى، قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە زور بىر تۈركۈم ئېلېكتىر تېخنىكا كەسپىي ماھارىتى ۋە ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش ماھارىتى بار خادىملار يېتىشتۈرۈلۈپ، يەرلىك قۇرۇلۇش خادىملىرىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ، شۇ جايدىكى قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، قۇرۇلۇش خادىملىرى يەنە قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلارغا ئەگىشىپ سىرتقا چىقىپ ئىشلىسە بولىدۇ. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2019 - يىلىدىكى «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» تۈرىدە، قەشقەر ۋىلايىتىدە 3896 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ھەل قىلىنغان، خوتەن ۋىلايىتىدە 1320 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ھەل قىلىنغان، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا يەرلىك خادىملارنىڭ قۇرۇلۇشقا قاتنىشىش نىسبىتى %80تىن يۇقىرى بولغان. ئىشچىلارنىڭ كۈنلۈك ئوتتۇرىچە مائاشى 160 يۈەندىن 300 يۈەنگىچە بولغان، مەلىكىلىك ئىشچىلارنىڭ 800 يۈەنگە يەتكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇردىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش خىزمىتىنى كېڭەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىسسىنىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىسسىنىش شارائىتىنى ياخشىلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاھالىلەرنى تېخىمۇ كۆپ «ئېلېكتىرلەشكەن شىنجاڭ» نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن قىلدۇرغان. 2019 - يىلى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش تۈرى تاماملانغاندىن كېيىن، 316 مىڭ 300 ئائىلىلىك ئاھالە پارچە كۆمۈر قالاپ ئىسسىنىدىغان قىش پەسلى بىلەن خوشلاشقان، ھەر يىلى 320 مىڭ توننا كۆمۈر تېجەپ قېلىنغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ