مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىكى 4 مىليون 367 مىڭ 900 ئوقۇغۇچى بۈگۈن ئوقۇش باشلىدى

2020.03.24 17:20 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىكى 4 مىليون 367 مىڭ 900 ئوقۇغۇچى مەكتەپكە قايتىپ رەسمىي ئوقۇش باشلىدى.

  ئوقۇش باشلاش خىزمىتىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇردى، ئىلمىي قوماندانلىق قىلدى، ھەرقايسى جايلار ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى كۆزىتىش - ئۆلچەش، خادىم، ماددىي ئەشيا كاپالىتى، مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەش قاتارلىقلارنى يەنىمۇ كۈچەيتىش جەھەتتە بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللاندى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە(شەھەر، رايون) ئۈچ دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، بۇ گۇرۇپپىلار مەكتەپلەرنى تور يېيىش شەكلىدە تەكشۈرۈپ يېتەكچىلىك قىلىپ، مەسىلە تىزىملىكى تۈزۈپ، تۈرمۇتۈر تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈپ تۈزەتتى.

  پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مائارىپ، سەھىيە، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تارماقلىرى بىرلىكتە ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە قارىتا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى ھەم ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش مانېۋىرى قىلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلار ماسكا، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان تۈرلۈك ماددىي ئەشيالارنى بىرتۇتاش تەڭشەپ تەقسىملەپ، ئالدى بىلەن مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش باشلاش ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، مەكتەپلەرگە ياردەملىشىپ مۇناسىپ تېببىي خادىملارنى تەڭشەپ تەقسىملەپ ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئايرىش رايونى تەسىس قىلىپ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش باشلاش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت ئېھتىياجىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

  ئوقۇش باشلاشتىن ئىلگىرى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى مەكتەپلەر دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىلگىرىكى تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، سىنىپ، ئاشخانا، ھاجەتخانا، مۇنچا، پەلەمپەي قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنى ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيەلەپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، مەكتەپنىڭ سۇ، توك، گاز، پار، ئوت ئۆچۈرۈش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئەسلىھەلىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، رېمونت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، بىخەتەر ئايلىنىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئوقۇتقۇچىلارنى شىنجاڭغا قايتىش، ئىش ئورنىغا قايتىشقا ۋە تەربىيەلىنىش، دەرس تەييارلاشقا پائال، پۇختا تەشكىللەپ، ئوقۇغۇچىلاردا «دەرس باشلىنىشتىن بۇرۇن كىتاب تەييار بولۇش، ھەربىر ئادەمدە بىردىن كىتاب بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مۇنداق تەلەپ قىلدى: ئوقۇش باشلىغاندىن كېيىن ھەرقايسى مەكتەپلەر مەكتەپنى تولۇق يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇشنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۇچراشتۇرماي، ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ئالاقىدار ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ توپلىشىش، يىغىلىشىدىن ساقلىنىپ، «ئەتىگەندە، چۈشتە، كەچتە تەكشۈرۈش» ۋە «كۈندە دوكلات قىلىش، نۆل دوكلات قىلىش» تۈزۈمىنى جەزمەن قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: ئوقۇش باشلىغاندىن كېيىن ھەرقايسى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ توردا ئوقۇتۇش جەريانىدىكى ئۆگىنىش دەرىجىسىنى باھالاپ، «نۆل باشلىنىش نۇقتىسى» ئوقۇتۇش پىرىنسىپى بويىچە، ئوخشاش بولمىغان يىللىقلارنىڭ ئوقۇتۇش ۋە ئىمتىھان پىلانىغا ئاساسەن، ئوقۇتۇش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، ئوقۇتۇش ۋاقتىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشى بىلەن ئۆيىدە توردا ئوقۇتۇشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ