مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كېمەيگىنى ئىجارە ھەققى، تىكلەنگىنى ئوبراز

2020.03.24 17:19 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى ئالتە جەمئىيەت سېلىنمىسى كارخانىسى تەرەققىيات رايونىدىكى 556 ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانا ۋە يەككە تىجارەتچىنىڭ 10 مىليون 446 مىڭ يۈەن ئىجارە ھەققىنى كېمەيتتى، كەچۈرۈم قىلدى؛ شىنجاڭ ياجۇڭ (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى گۇرۇھ قارىمىقىدىكى بازاردىكى 3105 سودىگەرنىڭ 12 مىليون 400 مىڭ يۈەن ئىجارە ھەققىنى كېمەيتتى، كەچۈرۈم قىلدى... بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تاراتقۇلاردا كۆپ قېتىم ئېلان قىلىندى، ئىقتىدارى، شارائىتى بار بۇ كارخانىلارنىڭ ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش ئۇسۇلى ئاچقۇچلۇق پەيتتە سودىگەرلەر، ئىجارىگە ئالغۇچىلارنى يۆلىدى، شۇنداقلا كارخانىلارنىڭ جەمئىيەت مەسئۇلىيىتى تۇيغۇسىنى تولۇق نامايان قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ياخشى ئاممىۋى ئوبرازىنى تىكلەپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىش، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىشتىكى كۈچلۈك ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

  ئىجارە بەرگۈچى تەرەپ بىلەن سودىگەرلەر، ئىجارىگە ئالغۇچىلار مەنپەئىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان تىجارەت سۇبيېكتلىرى، ئۇلار ئىچىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەن، بۇ چاغدا ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش ئۇلارنىڭ تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنى مەبلەغنى جانلىق ئوبوروت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان زەربىدىن قۇتۇلۇپ ھاياتىي كۈچىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ، شۇنداقلا ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى چوڭ ۋەزىيىتىگىمۇ كۈچ قوشىدۇ. ئەلۋەتتە، ئىجارىگە بەرگۈچى تەرەپكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش كۆز ئالدىدىكى پايدىدىن ۋاز كەچكەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ، ئەمما يىراققا نەزەر سالغاندا، سودىگەرلەر، ئىجارىگە ئالغۇچىلار قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كەتسە، بۇ كىچىك «دەريالار»نىڭ ھاياتىي كۈچى ئەسلىگە كېلىدۇ، ئىجارىگە بەرگۈچى كارخانا بولغان «چوڭ دەريا»لارنىڭ سۈيىمۇ تەبىئىي ھالدا ئۇلغىيىدۇ.

  ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرىگە ئاساسەن، يۇقۇم مەزگىلىدە يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىدىغان، كەچۈرۈم قىلىدىغان سودا ئىشلىرى بىناسى، سودا ساراي، بازار ۋە كەسىپلەر باغچە رايونى قاتارلىق ئىجارە بەرگۈچى تەرەپلەر شۇ يىلى ئۆي - مۈلۈك بېجى، شەھەر - بازار يېرىنى ئىشلىتىش بېجى تاپشۇرۇشتا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بولسا، كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشتا قىيىنچىلىق بارلىقىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. سىياسەت قويۇپ بەرگەن پايدا كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش ياردەم پۇلى ئۇسۇلى ئارقىلىق قاتلاممۇقاتلام يەتكۈزۈلىدۇ، بۇ جەزمەن پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ