مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ساۋەن كان رايونىنىڭ شەرقىي رايون ئومۇمىي يىرىك پىلانى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تەستىقىغا ئېرىشتى

2020.03.24 17:18 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭنىڭ كۆمۈر بايلىقىنى ئېچىشنى قوللاش ئۈچۈن، يېقىندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساۋەن كان رايونىنىڭ شەرقىي رايون ئومۇمىي يىرىك پىلانىنى تەستىقلىدى. بۇ، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىز تەستىققە ئېرىشكەن 6 - كان رايونى ئومۇمىي يىرىك پىلانىدۇر.

  ساۋەن كان رايونىنىڭ شەرقىي رايونى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ساۋەن ناھىيەسىگە جايلاشقان، كان رايونىنىڭ شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 9.5 − 13.8 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى تەخمىنەن 1.5 − 5.6 كىلومېتىر كېلىدۇ، كۆلىمى تەخمىنەن 42.8 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، كۆمۈر بايلىقى ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن 860 مىليون توننا. كان رايونى توققۇز پارچىغا ئايرىلغان بولۇپ، يىرىك پىلاندىكى قۇرۇلۇش كۆلىمى 6 مىليون 300 مىڭ توننا/يىل. كان رايونىدىكى كۆمۈر تۈرى ئاساسلىقى يالقۇنلۇق كۆمۈر ۋە يېپىشماس كۆمۈر بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك ئېنېرگىيە كۆمۈرى ۋە خىمىيە سانائىتى خام ئەشيا كۆمۈرىگە تەۋە.

  تەستىقلانغان كان رايونىنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانى كان رايونىنىڭ كۆمۈر بايلىقىنى ئېچىشتىكى يېتەكچى خاراكتېرلىك ھۆججەت، كان رايونىدىكى كۆمۈر كان تۈرىنى تەستىقلاش، قۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىشتىكى تۈپ ئاساس. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى دۆلەت تەستىقلىغان كان رايونىنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانى ۋە يىرىك پىلانىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش، تەكشۈرۈش پىكرىگە ئاساسەن، ساۋەن كان رايونىنىڭ شەرقىي رايونىدىكى كۆمۈر بايلىقىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق، تەرتىپلىك ئېچىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ۋە كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ