مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ساياھەت كەسپى «جانلاندى» كۆپلىگەن مەنزىرە رايونى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى

2020.03.24 17:17 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەدەنىيەت، ئىستىراھەت مەيدان - سارايلىرى، مەنزىرە رايونلىرىمۇ تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئېچىۋېتىلدى. ھەر قايسى چوڭ مەنزىرە رايونلىرى، قار تېيىلىش مەيدانلىرى قاتارلىقلار ھەقسىز، يېرىم باھا قاتارلىق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت، ساياھەت كەسپىنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولدى.

  ھازىر، ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانا، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي ھەر كۈنى ئېقىم چەكلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ تەرتىپلىك ئېچىۋېتىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئېچىۋېتىش دائىرىسى ۋاقتىنچە «شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىخانىسى» بولۇپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەر ئۆزىنىڭ كىملىكى، ئالدىن كېلىشىش كودى، «راۋان يۈرۈش كودى»نى ئېلىپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەتكەندىن كېيىن تىزىملىتىپ مۇزېيغا كىرسە بولىدۇ.

  يۇقۇمنىڭ تەسىرى بىر قەدەر يېنىك بولغان جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خوتەن شەھىرىدە، داڭلىق خوتەن كەچلىك بازىرى ئۈستەل ئايرىپ ئولتۇرۇش، ئوراپ ئېلىپ كېتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈردى. بۇنىڭدىن باشقا، ماي بوياق رەسىم، گارمون، مەززىلىك تائام، چېگرا سودىسى قاتارلىقلار باش تېما قىلىنغان مۇزېيخانىلار ئارقىلىق «مۇزىي شەھىرى» دەپ نام ئالغان شىنجاڭ چۆچەك شەھىرىدە، يېقىندا ئارقا-ئارقىدىن تىجارەت ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ ئېچىۋېتىلدى.

  ئۆزگىچە كىلىمات شارائىتى سەۋەبىدىن، شىمالىي شىنجاڭدىكى ھەر قايسى چوڭ قار تېيىلىش مەيدانلىرى تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن «قار تېيىلىش قىزغىنلىقى» دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى. «قار شەھىرى» دەپ نام ئالغان ئالتاي ۋىلايىتىدىكى جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانى، كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى ھەقسىز قار تېيىلىش قاتارلىق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

  «يۇقۇم ئېغىر رايونلاردىكى ساياھەتچىلەر، يېقىنقى 14 كۈندە چەت ئەلدە تۇرۇش تارىخى بارلارنىڭ ئالدىن كېلىشىشىگە بولمايدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا ساياھەتچىلەر راۋان يۈرۈش يېشىل كودى بىلەن ئالدىن كېلىشسە بولىدۇ. ساياھەتچىلەر ھەمكارلاشقان مېھمانخانىنىڭ ياتاق ئىسپاتىغا ئاساسەن، بۇ قېتىملىق قار پەسلى ئۆتۈپ كەتكۈچە ھەقسىز قار تېيىلىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ.» دېدى جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ دىرېكتورى لياڭ جىڭ.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتەك ئالاھىدە سەۋەبنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى چوڭ 5A مەنزىرە رايونلىرى، ساياھەت كوپىراتىپلىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق تېببىي خىزمەتچىلەرگە پۈتۈن يىللىق كىرىش بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبار سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن سىرت، يەرلىك ساياھەتچىلەرگە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنىمۇ بەس-بەستە يولغا قويۇپ، يەرلىك ساياھەت ئىستېمالىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ چىقتى. نارات مەنزىرە رايونى، قاراجۈن مەنزىرە رايونى ئايرىم - ئايرىم ھالدا يېرىم باھالىق كىرىش بېلىتى ياكى سېتىۋالسا سوۋغات بېرىش پائالىيىتىنى يولغا قويدى، ئۈرۈمچى تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونىمۇ ھەقسىز ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش مۇلازىمەت تۈرىنى يولغا قويدى .

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جەمئىيەت مۇقىملىقى پايدىسىنىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىك كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، 2019– يىلى جەمئىي 213 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىندى، ساياھەتچىلىك كىرىمى 363 مىليارد 258 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.96 ۋە %40.81 ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ساياھەتچىلىك كەسپى پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ