مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىز 17 مىڭ كارخانىغا 132 مىليون يۈەن ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى تارقاتتى

2020.03.24 17:04 مەنبە: خەلق تورى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ جيۇشېڭخې ئۇرۇقچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى فەن شياڭدۇڭ 3- ئاينىڭ 22- كۈنى ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ، 2- ئاينىڭ ئاخىرى بىز ئىلتىماس قىلىش ۋە توردا بېجىرىش ئارقىلىق، 28 مىڭ يۈەن ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسىنى ئالدۇق. بۇ، كارخانىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، خىزمەتچىلەر قوشۇنىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا پائال رول ئوينىدى، دېدى.ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 3- ئاينىڭ 10- كۈنىگە قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىز ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن 132 مىليون يۈەنلىك ياردەم تولۇقلىمىسى تارقاتقان بولۇپ، بۇنىڭدىن 17 مىڭ كارخانا ۋە 431 مىڭ ئىشچى-خىزمەتچى مەنپەئەتلەنگەن.

  ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى بويىچە كارخانىلارغا ياردەم بېرىش ۋە ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، خادىملارنى قىسقارتمىغان ياكى خادىملارنى ئاز قىسقارتقان. سۇغۇرتىغا قاتناشقان كارخانىلارغا قارىتا، ئۇلارنىڭ ئالدىنقى يىلى ئەمەلىي تاپشۇرغان ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ھەققىنىڭ %50ى قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ (جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا %60 بويىچە ھېسابلىنىدۇ). ۋاقىتلىق قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن ھەم ئەسلىگە كېلىشىدە ئۈمىد بار بولغان، ھەمدە خادىملارنى قىسقارتماسلىق ۋە ئاز قىسقارتىشتا چىڭ تۇرغان قىيىنچىلىقى بار كارخانىلارغا قارىتا، بۇ خىل سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىنىش مۇددىتى 2020- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە بولىدۇ؛ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا قارىتىلغان ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە قايتۇرۇش سىياسىتىدىن مەنپەئەتلىنىش دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ. يۇقۇم مەزگىلىدە، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ خادىم قىسقارتىش نىسبەت ئۆلچىمى %5.5تىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. خادىم سانى 30 ئادەم (30 ئادەمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن ئاز بولغان، ھەمدە سۇغۇرتىغا قاتناشقان كارخانىلارنىڭ خادىم قىسقارتىش نىسبەت ئۆلچىمى كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %20ىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ؛ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنىڭ ھەق نىسبىتىنى باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىش سىياسىتى داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ، يولغا قويۇش مۇددىتى 2021- يىلى 4- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە ئۇزارتىلىپ، ھەق تاپشۇرغۇچى ئورۇنلارنىڭ يۈكى ھەقىقىي يېنىكلىتىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى يەن كېمىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى بويىچە ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە قايتۇرۇش خىزمىتىنى تېزلىتىپ، جىددىي ئىشنى تېز بېجىرىپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىپ، 3- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە قايتۇرۇش مەبلىغىنى ئاساسىي جەھەتتىن نەقلەشتۈرۈشكە تىرىشىدىكەن؛ 4- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، قىيىنچىلىقى بار كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە قايتۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى كۆپ بولغان باشلامچى كارخانىلارنى نۇقتىلىق قوللايدىكەن، داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى، ئاممىۋى ئىشلار، ئاممىنىڭ زۆرۈر تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىق ماددىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان كارخانىلارنى قوللاشقا مايىللىشىدىكەن.

  سىياسەت پايدىسىنى سىجىل قويۇپ بېرىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز قايتۇرۇش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىلارنى تاسقاپ چىقىپ، تېلېفون بېرىش، ئۇچۇر يوللاش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، كارخانىلارغا «بىرمۇبىر» ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئىلتىماس قىلىش ھالقىلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، قايتۇرۇش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، «كارخانىلار ياردەم تولۇقلىمىسىنى ئىزدەش»نى «ياردەم تولۇقلىمىسى كارخانىلارنى ئىزدەش»كە ئۆزگەرتىپ، قايتۇرۇش ئومۇمىي مۇساپىسىدە قاتراتماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ