شىنجاڭدا ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېلىپ بېرىلماقتا

2020.03.20 17:24 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 3-ئاينىڭ 18-كۈنى لوپ ناھىيەسىدىكى بېيجىڭ سانائەت رايونىدا، ئىشچىلار خوتەن جويۆ چاچ بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇت سېخىدا خىزمەت قىلماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسىدىكى بېيجىڭ سانائەت رايونىدا، نۇرغۇن چاچ بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن زاكاز تالونىنى تولۇق تاماملىماقتا. نۆۋەتتە باغچا رايونىدا 21 كارخانا چاچ بۇيۇملىرى ياسىمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 19 كارخانا ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى. ھازىرغىچە، شىنجاڭدا كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىلارنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %90 تىن ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ