مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«پەخىرلەن، ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر» ناملىق كۆرۈنۈشلىك دېكلاماتسىيەدە تېببىي خادىملارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈلدى

2020.03.19 17:26 مەنبە: خەلق تورى

  «گەرچە بىز تېببىي خادىملارغا ئوخشاش ۋۇخەنگە بېرىپ جەڭگە ئاتلىنالمىساقمۇ، لېكىن ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەرگە ياردەم بېرىپ، ھەقىقىي مۇھەببىتىمىزنى يەتكۈزۈپ، تۆھپە قوشۇشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، قۇربان بېرىشكە جۈرئەت قىلالايدىغان قەھرىمانلارنى مەدھىيەلەپ، بۇ خىل ئاكتىپ كۈچنى تارقىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى بىز بىلەن بىرلىكتە كېسەل ئۈستىدىن غالىب كېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلالايمىز». شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى نازارەتچىلىك قىلغان، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى دراما ئۆمىكى ئىشلىگەن، ئىجادىيەتچى كۇاڭ ئەنيۇڭ ماقالىسىنى ئىجاد قىلغان، سۇ تىڭ، ۋېي لىجياڭ، تيې تىڭتىڭ، سۇ يۈنتىڭ قاتارلىقلار دېكلاماتسىيە قىلغان، ئاۋازنى بەي بەييى ئىشلىگەن «پەخىرلەن، ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر» ناملىق كۆرۈنۈشلىك دېكلاماتسىيەدە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تېزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى داۋالاش خىزمەتچىلىرىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈلدى.

  «پەخىرلەن، ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر» ئاساسلىقى ئائىلىدىكى ئۈچ ئەۋلادنى ئاساس قىلىپ، زامان-ماكاندىن ھالقىپ سۆھبەتلىشىپ، ۋۇخەنگە بارغان دوختۇرلارغا بەخت تىلىدى. ئوخشاش بولمىغان پېرسوناژلار نۇقتىسىدىن سېغىنىش ۋە قوللاشنى يەتكۈزۈپ، پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرى ۋە ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ، ئاڭلىغۇچىلارغا ئوخشاش بولمىغان پېرسوناژلارنىڭ ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ، تېببىي خادىملارنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ھېس قىلدۇردى.

  ھاياتلىق تەيشەن تېغىدىنمۇ مۇھىم، يۇقۇمنىڭ ئۆزى بۇيرۇق، ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنىڭ ئۆزى مەسئۇلىيەت، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى دراما ئۆمىكىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئىس-تۈتەكسىز بۇ ئۇرۇشقا پائال ئاتلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق مۇھەببەتنىڭ كۈچىنى يەتكۈزدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ