جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى جۇڭگو رايونى تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈردى

2020.03.17 17:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 16- كۈنى، ساياھەتچىلەر جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ باج كەچۈرۈم قىلىنىدىغان دۇكىنىدىن مال سېتىۋالدى.

  يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، تىجارەت ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن، جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ جۇڭگو تەرەپ رايونى 15- مارت تىجارەتنى رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈردى.

  شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ چېگرادىن چىقىش زالىدا، يولۇچىلار خىزمەتچى خادىملارنىڭ ياردىمىدە ساغلاملىقنى چۈشەندۈرۈش كارتىسىنى ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، 1.5 مېتىر ئارىلىق قويۇلغان سېرىق سىزىق ئورنىدا ئۆچىرەتتە تۇرۇپ، تەرتىپلىك ھالدا چېگرادىن چىقتى.

  تۇنجى تۈركۈمدىكى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، جۈفېڭ باج كەچۈرۈم قىلىنىدىغان دۇكاننىڭ دۇكان باشلىقى شۈ جىشيەن دۇكاننى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، مال جازىسىغا تۈرلۈك تاۋارلار تىزىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: دۇكاندىكى تاۋارلارنىڭ ھەممىسى كورىيە زاۋۇتىدىن كەلگەن. ئۇ ماللارنىڭ باھاسى ئوتتۇرىچە بازار باھاسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىدىن تۆۋەن بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

  جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى جۇڭگو بىلەن قازاقىستان چېگراسىدىن ھالقىغان، ئومۇمىي كۆلىمى 5.6 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان تولۇق يېپىق رايون ئىچىدە بولۇپ، شۇ مەركەزدە ئىككى دۆلەت پۇقرالىرى ۋە 3- دۆلەت پۇقرالىرى ۋىزا ئىشلەتمەيلا پاسپورت ياكى چېگرادىن كىرىش-چىقىش يول خېتى قاتارلىق ئىناۋەتلىك گۇۋاھنامىلەر بىلەن كىرىپ-چىقىپ، يۈزمۇيۈز سودا سۆھبىتى ۋە تاۋار سودىسى ئېلىپ بارالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ