مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدا بۇ يىل تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 3- يىللىقى ۋە تولۇقسىزنىڭ 3- يىللىقىنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا، ھەمدە ئوتتۇرا تېخنىكوم-كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا 3- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن باشلاپ ئوقۇش باشلىنىدۇ

2020.03.12 16:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 11- مارت ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 2020- يىللىق ئەتىيازلىق ئوقۇش باشلاش خىزمىتىنى دەل جايىدا، تەرتىپلىك ۋە ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شىنجاڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، ھەمدە ئىلمىي ئاساستا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ۋە ھەر خىل مەكتەپلەرنىڭ جىددى ۋەزىيەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ تۇرۇپ، ۋاقتىدا تەرتىپلىك ھالدا ئوقۇش باشلاش قارار قىلىندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون مىقياسىدا بۇ يىل تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 3- يىللىقى ۋە تولۇقسىزنىڭ 3- يىللىقىنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا، ھەمدە ئوتتۇرا تېخنىكوم-كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا 3- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن باشلاپ ئوقۇش باشلاش قارار قىلىندى، باشقا ئوقۇش باسقۇچلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن تەرتىپلىك ھالدا تەدرىجى يوسۇندا ئوقۇش باشلىنىدۇ، ھەمدە ئۇنىڭ كونكرېت ۋاقتى ئاپتونوم رايونلۇق مارتىپ نازارىتى تەرىپىدىن بىر تۇتاش ئېلان قىلىنىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ۋە ھەر تۈردىكى مەكتەپلەر ئۆز تەۋەلىكى بويىچە باشقۇرۇشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇش باشلاش ۋە دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى تەشكىللىشى كېرەك. ئوقۇش باشلاشتىن بۇرۇنقى تەييارلىقلارنى تېزدىن ياخشى قىلىپ، مەكتەپ مۇھىتىنى ئۈزۈل-كېسىل تازىلاپ، مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدىكى تازىلىق جەھەتتىكى ئۆلۈك بۇلۇڭلارنى نۇقتىلىق تازىلاش، بولۇپمۇ سىنىپ، ئاشخانا ۋە ياتاق قاتارلىق مۇھىم پائالىيەت سورۇنلىرىنى ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك؛ ناھىيە (شەھەر، رايون) ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى بىرلىك قىلىپ، بىر مەكتەپتە بىر سىياسەت قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش لايىھەسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇشنى ئىلمىي ھالدا تەشكىللەپ، تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 3- يىللىقى ۋە تولۇقسىزنىڭ 3- يىللىقى ھەمدە ئوتتۇرا تېخنىكوم-كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان يىللىقلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تۇنجى تۈركۈمدە ئوقۇش باشلاش، ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن، دەرسلەر ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن يىللىقلار سۈپىتىدە، ئۇ ئەسلىدىكى ئوقۇتۇش سىنىپلىرىنى يەنە كىچىك سىنىپلارغا ئايرىپ ئوقۇتۇش، بىر سىنىپتا 30دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بولماسلىق، سىنىپ بىلەن سىنىپ ئارىسىدا جىدى ۋەزىيەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى گىرەلەشتۈرۈپ تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ دەرس ئۆتۈش كېرەك؛ نورمال ۋە مۇنتىزىم ھالدىكى تەكرار قىلىش ۋە ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش قاتارلىق دەرسلەردىن باشقا، توپلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى بولىدىغان تەنتەربىيە، مەدەنىيەت ۋە سەنئەت قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللىمەسلىك، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار تاماق يېگەندە تارقاق بولۇش ۋە ئايرىم ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشنى يولغا قويۇش كېرەك؛ نۇقتا-نۇقتىلار بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە ئوقۇش باشلايدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار بىلەن بولىدىغان پىكىر ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى توغرا ئىگىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلىملىرىنى، مائارىپ ۋە ئوقۇتۇش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى پائال تەشۋىق قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ