مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، جاسارەت بىلەن قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىمىز

2020.02.28 17:03 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ مۇنداق بىلدۈردى −

  پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، جاسارەت بىلەن قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىمىز

  پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىمىز

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت قوش غەلىبىنى جاسارەت بىلەن قولغا كەلتۈرىمىز.

  «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى داۋالاش خادىملىرىنىڭ جەڭگىۋارلىق روھىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى.» ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللەر دوختۇرخانىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دوختۇرخانا باشلىقى لى مىڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشتىكى بېكىتىلگەن دوختۇرخانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بارلىق تېببىي خادىملار يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش بىرىنچى سېپىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئاغرىقلارنى جان - دىل بىلەن قۇتقۇزۇپ - داۋالاپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويمايمىز.

  «باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى قەلبىمىزنى ئىللىتىپ، جەڭگىۋارلىق روھىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، بىزنى قۇدرەتلىك ئىشەنچ ۋە كۈچكە ئىگە قىلدى.» ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ تەۋەلىك رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گې شاۋۋېن مۇنداق دېدى: داۋاملىق تۈردە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ كۆزلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا تۆھپە قوشىمىز.

  «ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدىغان كارخانىلارنىڭ يىللىق تىجارەت نىشانىنى چۆرىدەپ، بېسىمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىخەتەر، تەرتىپلىك، تۈرگە ئايرىپ ئالغا سىلجىتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى، قوللىدى، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تىرىشىپ ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ تەكشى، مۇقىم ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى پىلان تەرەققىيات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى يۈ كۇن.

  شىنجاڭ «1 - ئىيۇل» جياڭيۇ ئېچىتىش چەكلىك شىركىتى كەسپىي تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ باش نازارەتچىسى جيا تيەنيۈەن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ئارقا - ئارقىدىن پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق يۆلەش - قوللاش، ئۆي ئىجارىسىنى كېمەيتىش - كەچۈرۈم قىلىش، سۇ، توك ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشتا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىغا كۈچلۈك مەدەت بەردى، «شىركىتىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قاتتىق ياخشى ئىشلەپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى پائال ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر قوشۇنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ».

  «باش شۇجى سۆزىدە: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى كادىرلارنى كۈرەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تەكشۈرۈپ پەرقلەندۈرۈشى كېرەك، دەپ كۆرسىتىپ، بىزنىڭ كادىرلارنى ئۆستۈرۈش، تەيىنلىشىمىزگە ئېنىق يۆنىلىش ۋە يول كۆرسىتىپ بەردى.» مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى ۋۇ مۇنداق بىلدۈردى: مورى كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇشقا ئالاقىدار تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا تۈزۈپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ جەڭ مەيدانىنى كادىرلارنى بايقاش، ئۆستۈرۈشتىكى «ئىمتىھان مەيدانى» قىلدى.

  «بىز ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ سىردىشى بولۇپ، ئامما ئەندىشە قىلىۋاتقان، ئويلاۋاتقان، ھەل قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى غۇلجا شەھىرىنىڭ تاشكۆۋرۈك يېزىسى تاڭنۇر مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شيەن چىبو.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ