مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چىڭ تۇرايلى، غەلىبە ھامان بىزگە مەنسۇپ

2020.02.28 16:59 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  غەلىبىگە تۇتىشىدىغان يولدا بەزىدە ئىستىھكامغا بۆسۈپ كىرىشكە، بەزىدە ئۈن - تىنسىز بەرداشلىق بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن بولغان ئېلىشىشتا، بىز مۇتلەق كۆپ سانلىق كىشىلەر گەرچە بىرىنچى سەپتە ھاياتلىقنى قۇتقۇزالمىغان بولساقمۇ، لېكىن بىز ئىرادىمىزنى چىڭىتالايمىز، سەۋر - تاقەتنى ساقلىيالايمىز، شۇڭا تولۇق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن ئاشۇ كۈنگە ئۇلاشمىغۇچە ھەرگىز ھوشيارلىقىمىزنى بوشاشتۇرمايلى! بۇمۇ پائال تەشەببۇسكار بولۇپ نەتىجە ياراتقانلىق، يەنە ئۆزىمىزگە، باشقىلارغا ۋە جەمئىيەتكە بىر ئۈلۈش تۆھپە قوشقانلىق.

  2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سائەت 24 تىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنىڭ دەرىجىسىنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىگە قارىتا تاسادىپىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش 1 - دەرىجىلىك لايىھەسىدىن 2 - دەرىجىلىك لايىھەسىگە تەڭشىدى. بۇ، يۇقۇمنىڭ پەسىيىۋاتقانلىقىنىڭ سىگنالى، تېخىمۇ مۇھىمى ئالدىنقى مەزگىلدىكى قاتتىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئاكتىپ نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىراق، 1 - دەرىجىنى 2 - دەرىجىگە چۈشۈرۈش ھەرگىز ۋىرۇسنىڭ يوقالغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. ئويلاپ باقايلى، يۇقۇم دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتكە يامرىدى، ئويلاپ باقايلى، پۈتۈن مەملىكەتتە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى نەچچە ئون مىڭغا يەتتى، ئويلاپ باقايلى، شىنجاڭدا يۇقۇم كونترولسىز قالسا ئاقىۋەت قانداق بولىدۇ؟ بىزنىڭ ئېسەنگىرەپ كېتىشكە، بىخۇدلۇق قىلىشقا ھېچقانداق ئاساسىمىز يوق.

  مۇشۇ پەيتتە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سەۋەبلىك سىرتقا ناھايىتى ئاز چىقىۋاتقان سىز ۋە مەن كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت ئاستىدا ئۆزىمىزنى قويۇۋېتىشتەك ھاياجانلىنىشتىن ساقلىنالمايمىز، دوست - بۇرادەرلەرنى چاقىرىپ ناخشا ئېيتىپ، بەھۇزۇر ئىچىشىش ئارزۇيىمىز بولۇشتىن ساقلىنالمايمىز، بۇلار كىشىلەردە بولۇشقا تېگىشلىك ئادەتتىكى ھېسسىيات، ھەممە ئادەم بۇنى توغرا چۈشىنىدۇ. بىراق، مۇشۇنداق پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە بىر ئادەمنىڭ بىخۇدلۇقى تۈپەيلىدىن، ۋىرۇس يوچۇق تېپىپ كىرىشى مۇمكىن؛ كۆپچىلىك بوشىشىپ كەتسە، ۋىرۇس قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن، قانچىلىغان كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىكارغا كېتىشى، قانچىلىغان كىشىلەرنىڭ قۇربان بېرىشى بىكارغا كېتىشى مۇمكىن، ئۇ چاغدا پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي قالىمىز.

  سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار ھېچ يەرگە قېچىپ كەتمىدى، بىز ۋاقتىنچە يىراقتىن نەزەر سېلىپ تۇرايلى؛ ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەر ھامان بىر كۈنى جەم بولىدۇ، بىز بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىراپ كەتمەيلى. شۇنچە ئۇزاق چىداپ كەلدۇق، ئەڭ ئاخىرقى غەلىبە ئۈچۈن، بىز چوقۇم يەنە چىدىشىمىز، يەنە ساقلىشىمىز كېرەك. ھەممە ئادەم سىرتقا ئاز چىقىش، يىغىلماسلىق، ماسكا تاقاش، قولىنى پات - پات يۇيۇپ تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرسىلا، ۋىرۇس چوقۇم يوقىلىدۇ، غەلىبە چوقۇم قەرەلىدە يېتىپ كېلىدۇ.

  بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، تىيانشاندا گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان چاغدا، سىرتقا چىققانلارنىڭ ھەممىسى گۈلدىن ھۇزۇرلانغۇچىلار بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ