مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بىر ئاغرىقنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى تېببىي خادىملارغا يازغان رەھمەت خېتى

2020.02.27 17:55 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان تېببىي خادىملارغا:

  قەلبىمدىكى بارلىق سۆزلىرىمنى بىر ئېغىز سەمىمىي رەھمىتىمگە مۇجەسسەملەيمەن، سىلەرنىڭ كەسكىن ھۆكمىڭلار، ئۆتكۈر كۆزۈڭلارغا رەھمەت، مەسئۇلىيىتىڭلارنى تولۇق ئادا قىلىش ئۈچۈن مۇستەھكەم تۇرۇۋاتقىنىڭلارغا رەھمەت، سىلەرنىڭ 24 سائەت چىڭ تۇرغىنىڭلار ۋە ھەمراھ بولغىنىڭلارغا رەھمەت، ھال-ئەھۋال سوراپ كۆيۈنۈپ تۇرغىنىڭلارغا رەھمەت...

  تاماق ئەكىلىپ بېرىش، تەكشۈرۈش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، تازىلىق قىلىش، دورا ئىچىشنى ئەسكەرتىش، ئەھۋال سوراش، ھەتتا بىزگە ھەمراھ بولۇپ پاراڭلىشىپ، ئىچ پۇشۇقىمىزنى چىقىرىش... بارلىق دوختۇر ۋە سېسترالار ئائىلىمىزدىكىلەرگە ئوخشاش بىزگە كۆڭۈل بۆلۈپ، بىزنى رىغبەتلەندۈردۈڭلار، بىزگە ئىشەنچ بېغىشلاپ، ھەممە ئىشنىڭ ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى، باھارنىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ئېيتتىڭلار.

  سىلەر ئەزەلدىن بىرەر ئاغرىقتىن ۋاز كېچىپ باقمىدىڭلار، جان كۆيدۈرۈپ ھالىمدىن خەۋەر ئالدىڭلار، ئايرىش رايونىدىكى ھەربىر ئاغرىقنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىڭلار. خىزمەت جەريانىدا نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرگە ئۇچرىدىڭلار، ھەتتا بەزىلەر چۈشەنمىدى، ماسلاشمىدى، ئەمما سىلەر ئەزەلدىن ۋاز كەچمىدىڭلار، ۋىرۇسنىڭ ھەددىدىن ئاشىدىغان ھەرقانداق ئېھتىماللىقىغا يول قويمىدىڭلار.

  سىلەرنىڭ قارشى يۆنىلىشتە ماڭغان سىيمايىڭلار بولغاچقىلا، خەلقنىڭ ئامان-ئېسەنلىكى قوغدالماقتا؛ سىلەرنىڭ قەتئىيلىك چىقىپ تۇرىدىغان بىر جۈپ كۆزۈڭلار بولغاچقىلا، يۇرت-ماكانىمىزنىڭ تۇپرىقى قوغدالماقتا. سىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرىمەن، رەھمەت سىلەرگە! جاپا چەكتىڭلار!

  باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلىپ، ۋىرۇس يۇقىلىدىغان كۈنلەرنىڭ بالدۇرراق يېتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بىرىنچى سەپتىكى ئۇزاق ۋاقىت ئۆيگە قايتالمىغان بارلىق جەڭچىلەرنىڭ بالدۇرراق ئۆيىگە قايتىپ جەم بولۇش تامىقى يېيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جاپا چەكتىڭلار ! چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتقۇچى بىر ئاغرىقتىن

  2020 -يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ