مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2020.02.27 17:52 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايون سىن يىغىنى ئېچىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئاپتونوم رايون يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش سىن يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھازىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەڭ كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ، شۇنداقلا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىشنىڭ مۇھىم تۈگۈنى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، قىلچە بوشاشماي تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئېڭىنى بوشاشتۇرماسلىق، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاجىزلاشتۇرماسلىق، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ھالقىلىرىنى ئازايتماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە دەل جايىدا ھۆكۈم قىلىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ ھەل قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ قەرەلىدە تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، تېرىلغۇ تەييارلىقىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دېھقانلارنى دېھقانچىلىق ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتمەي ئەتىيازلىق باشقۇرۇش، ئەتىيازلىق تېرىقچىلىقنى ياخشى تۇتۇپ، ئېتىز ئىشلىرىنى تەرتىپلىك باشلاشقا، ئېتىز ئىشلىرىنى ۋاقىت ئايرىپ باشلاشقا، تارقاق ئىشلەشكە يېتەكلەش كېرەك. تەپەككۇردا يېڭىلىق يارىتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تېرىقچىلىق تېخنىكا قائىدىسى ۋە يېتەكچى پىكرىنى تۈزۈپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتىنى جانلىق تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلات مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ماشىنا مەشغۇلات كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، كىشىلەرنىڭ توپلىشىپ ئەمگەك قىلىشىنى ئازايتىش كېرەك. ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋا رايى، ئېغىر، زور كېسەللىك، ھاشارات زىيىنى ۋە ئېغىر، زور ھايۋانات كېسەللىكلىرىنى كۆزىتىش - تەكشۈرۈش، ئالدىن سىگنال بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى ئەڭ زور چەكتە يېنىكلىتىش كېرەك. ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مەبلەغ ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك تۈر مەبلىغىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىناۋەتلىك قەرز ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش مەبلىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، دېھقانلارنى سىياسەت خاراكتېرلىك يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىغا كۈچ قوشۇش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئالاقىدار تەلەپلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىشتىكى قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ھالقىلىرى ۋە تىرانسپورت ئەشيا ئوبوروتىدىكى توسۇلۇش نۇقتىلىرىنى ئېچىپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىلىشى، بازارغا راۋان سېلىنىشى، تەرتىپلىك تەمىنلىنىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، ۋەزىيەتكە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئەتىياز پەسىللىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك خىزمەت تەدبىرلىرى ۋە كونكرېت ۋەزىپىلەرنى يېزا - بازار، كەنت گۇرۇپپىلارغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ ماسلىشىپ، ساقلانغان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ماسلىشىپ ھەل قىلىپ، سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش ۋە ماددىي ئەشيا كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ھەر مىللەت ئاممىنى تەشكىللەپ، سەپەرۋەر قىلىپ، ئوخشاش مەقسەتتە، ئوخشاش يۆنىلىشتە، ئوخشاش قەدەمدە بولۇپ، ئوخشاش كۈچ چىقىرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئەتىياز پەسىللىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىشەنچنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، كىشىلەر قەلبىنى تېخىمۇ ئىللىتىپ، ئەلرايىنى تېخىمۇ مۇجەسسەملەپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىش، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىش، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىشتىكى قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ