مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۆيدە ئولتۇرغاندا، ھەرىكەت قىلىپ بەدەن چېنىقتۇرۇڭ

2020.02.27 17:48 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يۇقۇم نۇرغۇن كىشىلەرگە ساغلاملىقنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇردى، ھەرىكەت قىلىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ تېجەشلىك، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى.

  يۇقۇم كۆرۈلگەن مەزگىلدە، ئۆيدە ئولتۇرۇش، تاماق يېيىش، يېتىپ-قوپۇش، ئۇخلاش كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش كارتىنىسى بولۇپ قالدى. ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بىرلىكتە يولغا قويغان «ساغلام شىنجاڭ. تەنتەربىيە ئارقىلىق يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلىش» ئومۇمىي خەلق ئىلمىي بەدەن چېنىقتۇرۇش تور پائالىيىتى ئاممىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش ئاكتىپلىقىنى قوزغىدى.

  2-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە توردا قانات يايدۇرۇلغان تۇنجى نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق ئىلمىي بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تەنتەربىيە تەشكىلاتلىرى ئۈندىدار، QQ، ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرى قاتارلىق شەكىللەردە پائالىيەتنى ئاممىغا يەتكۈزدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق جەمئىيەت تەنتەربىيە يېتەكچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى پېڭ سۇجۈ مۇنداق دېدى: تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىپ بەدەن چېنىقتۇرۇشتا ئادەمگە، ۋاقىتقا، ئورۇنغا قاراپ پەرقلىق بولۇشى كېرەك. ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ شارائىتى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىلمىي چېنىقىشى كېرەك. ئۆيدىكى ئۈستەل-ئورۇندۇق، تام، كارىۋات، ئارغامچا، پول قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ قورساق قاتلىسا، يەر بېغىرلىسا، بىر قىسىم ئاددىي يوگا ھەرىكەتلىرى قاتارلىقلارنى ئىشلىسە بولىدۇ، قانداق قولايلىق بولسا شۇنداق قىلىش كېرەك، پەقەت ھەرىكەت قىلىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش مەقسىتىگە يەتسىلا كۇپايە.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ