مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تارماقلىرى: يېشىل يول ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى قوللىدى

2020.02.27 17:46 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  «بۇ تۈردە نۆۋەتتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە قىس بولۇۋاتقان داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش، جىددىي ئىشنى جىددىي بېجىرىش كېرەك، ئالدى بىلەن كارخانا دەرھال ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشسۇن، رەسمىيەتلەرنى كېيىن تولۇقلىسا بولىدۇ.» كورلا بىڭجۈەن كىيىم تىكىش چەكلىك شىركىتىنىڭ كۈنىگە 1000 يۈرۈش تېببىي مۇداپىئە كىيىمى تىكىش تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ماتېرىيالى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارىسىغا سۇنۇلغاندا، بۇ ئىدارىنىڭ مەسئۇلى دەرھال جىددىي ئىشنى جىددىي بېجىرىش، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش پىرىنسىپى بويىچە، ئاۋۋال ئىش باشلاپ، ئاندىن تولۇقلاپ بېجىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى ھەمدە كەسپىي خادىملارنى يېتەكچىلىك مۇلازىمىتى قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى.

  يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تارماقلىرى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، تېلېفون، ئۈندىدار قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، جايلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى ئالاقىدار قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش جىددىي مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تۈرى قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا كۈچ قوشتى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تارماقلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش، ماددىي ئەشيا ئىشلەپچىقىرىش، تەتقىق قىلىش، سىناق قىلىش قاتارلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى(ئۈچ تۈرلۈك قۇرۇلۇش)ىگە قارىتا ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىپ، يېشىل يول ئېچىپ، تۈرلەرنى تەستىقلاش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، تۈرلەرنى تېزدىن ئىشقا كىرىشتۈردى ياكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە، ھازىر بار بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئەسلىھەلىرىنىڭ يۈرۈشۈشى نورمال بولغان، تۈرلەرنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان مەلۇمات جەدۋىلى تۈرىدىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە، مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنى تەستىقلاش رەسمىيىتىنى بېجىرىش كەچۈرۈم قىلىندى؛ مەلۇمات جەدۋىلى تۈرىدىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان تۈرلەر ھەمدە ھازىر بار بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەسلىھەلىرىنىڭ يۈرۈشۈشى نورمال بولغان، تۈرلەرنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان مەلۇمات تۈرىدىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە، «خەۋەرلەندۈرۈش، ۋەدە بېرىش تۈزۈمى» يولغا قويۇلۇپ، ئاۋۋال ئىش باشلاش، ئاندىن رەسمىيەتلەرنى تولۇقلاپ بېجىرىش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئالاقىدار قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بالدۇر ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىندى.

  ئۇنىڭدىن باشقا، جايلاردىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تارماقلىرى شۇ جاينىڭ مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمەت تورى قاتارلىق سۇپىلارغا تايىنىپ، «توردا بېجىرىش» ۋە «كۆرۈشمەي» تەستىقلاشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىشقا ئاشۇردى. مۇھىتتىكى سەزگۈر ئۇبىيېكىتقا چېتىلمايدىغان، مۇھىتقا بولغان تەسىرى كىچىك، مۇھىت خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن بولغان مەلۇمات جەدۋىلى تۈرىدىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججەتلىرىدە تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش تەرتىپى بىكار قىلىندى؛ تېخنىكىلىق باھالاش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئالاقە ئارقىلىق تەكشۈرۈش، تور سىنلىق يىغىنى ئارقىلىق تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللاردا تەكشۈرۈشىگە ئىلھام بېرىلدى؛ قۇرۇلۇش قىلىدىغان ئورۇن، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ئورنى بىلەن جەزمەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلسە، تېلېفون، ئېلېكترونلۇق يوللانما، تېز يوللانما قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، خادىملارنىڭ ئۇچرىشىشى ئىمكانقەدەر ئازايتىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ