مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2- ئاينىڭ 26- كۈنى شىنجاڭدا (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىرىدىن يەنە تۆتى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلار 34كە يەتتى

2020.02.27 17:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2- ئاينىڭ 26- كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى دەپ ئېنىق دىياگنور قويۇلغان يەنە تۆت كېسەل ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىككىسى ئىلى ئوبلاستىدىكى كېسەل، بىرى بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى كېسەل، بىرى بىڭتۇەن 4- شىسىدىكى كېسەلدىن ئىبارەت. بۇ تۆت كېسەل دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق قۇتقۇزۇش-داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدىكى تېببىي خادىملارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشى، ھەمدە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇپ باھالىشى نەتىجىسىدە، ئۇلار شۇ كۈنى دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ "يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى، دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللەرنىڭ ئايرىۋېتىپ تۇرۇپ كۆزىتىلىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە دوختۇرخانىدىن چىقىشقا بولۇش"تىكى ئەڭ يېڭى ئۆلچىمىگە يەتكەن، دەپ قارالغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن، ھازىرغا قەدەر ئاپتونوم رايونىمىزدا (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان كىشىلەرنىڭ سانى جەمئىي 34كە يەتتى. ھازىر پۈتكۈل ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دوختۇرخانىدا ئايرىپ تۇرۇپ داۋالىتىلىشتا تۇرۇۋاتقانلاردىن يەنە 40ى بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ