مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى كۆپ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرىنى چىقاردى

2020.02.26 16:32 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋېي خۇڭپىڭ): يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ئۆپكە ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى توردا بېجىرىش، تېرمىنالدا بېجىرىش، پوچتا ئارقىلىق بېجىرىشنى ئاساس قىلىش، جىددىي، مۇھىم ئىشلاردا مەسلىھەت بېرىش، ئالدىن كېلىشىپ بېجىرىشنى قوشۇمچە قىلىشتەك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت ئۇسۇلىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە كارخانىلارنى تۈرلۈك ئالاقىدار كەسپ مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  نۆۋەتتە بۇ مەركەزگە كىرىپ ئورۇنلاشقان 43 تارماق (ئورۇن) ئۆزىنىڭ كەسپىي ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، توردا ئىش بېجىرىشتىكى ئوخشاش بولمىغان يوللارنى قوللىنىپ، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە كارخانىلارنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەگەر ھەقىقەتەن جىددىي، مۇھىم ئىش بولۇپ، كۆزنەككە بېرىپ نەق مەيداندا بېجىرىشكە ئېھتىياجى بارلار بىر كۈن بۇرۇن ھەر قايسى كىرىپ ئورۇنلاشقان تارماق (ئورۇن)نىڭ كەسىپ مەسلىھەتى ئالدىن كېلىشىش تېلېاونىغا تېلېفون بېرىپ، ئالدىن كېلىشىپ قويۇش كېرەك.

  توردا بېجىرىشتە، كومپىيوتېردا شىنجاڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى تورى ئۈرۈمچى شەھىرى تور نۇقتىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كۆزنەك تور بېتى، شىنجاڭ ئېلېكترونلۇق باج ئىدارىسى، شىنجاڭ ئاممىۋى فوندنىڭ توردا كەسپ بېجىرىش زالى قاتارلىق تور بەتلەرگە كىرىش ئارقىلىق ئالاقىدار كەسپلەرنى بېجىرسە بولىدۇ.

  تېرمىنالدا بېجىرىشتە، يان تېلېفونغا شىنجاڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى تېرمىنالى، شىنجاڭ ئاقىل ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تېرمىنالى، شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تېرمىنالى، قاتناش باشقۇرۇش 12123 قاتارلىق سۇپىلاردا ھەر قايسى مۇلازىمەتلەرنى بېجىرسە بولىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نازارەت قىلىش، مەسلىھەت سوراش قاتارلىق باشقا مۇلازىمەتلەرگە ئېھتىياجلىق بولغانلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ نازارەت قىلىش، مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمەت تېلېفونى 418444-0991غا تېلېفون بەرسە بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ