ئاپتونوم رايونلۇق قوماندانلىق ئىشتابى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى ئاممىغا قولاي مۇلازىمەت قىزىق لىنىيە تېلېفونىنى كۆپەيتتى
2020.02.26 16:29 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ئۇچۇر ئالاقە يوللىرىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇش، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە، بولۇپمۇ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كونكرېت تەلىپىگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى ئالدىنقى مەزگىلدىكى 12320 قىزىق لىنىيەسى ئاساسىدا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە 24 سائەت ئاممىغا قولاي مۇلازىمەت قىزىق لىنىيە تېلېفونىدىن ئۈچنى كۆپەيتتى. ھەر مىللەت ئامما يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئەگەر ئالاقىدار تەلەپلىرى بولسا تۆۋەندىكى نومۇرلارغا تېلېفون قىلسا بولىدۇ: 12320، 2391334 ,5190871 ,5190878 -0991.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ