شىنجاڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ جىددىي سىگنال دەرىجىسىنى تەڭشىدى
2020.02.26 16:26 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن - نىزاملىرىغا ۋە شىنجاڭنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى مۇزاكىرە قىلىشى ئارقىلىق، 2020 - يىلى 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سائەت 24 تىن باشلاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە جىددىي سىگنال بېرىش دەرىجىسىنى ئاپتونوم رايوننىڭ زور تاسادىپىي جامائەت ساغلاملىقى ۋەقەلىرىنىڭ 1 - دەرىجىلىك سىگنالىدىن 2 – دەرىجىلىك سىگنالىغا تەڭشەشنى قارار قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ