مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى، مېھمانساراي، ياۋايى ھايۋانلار ماكانى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى

ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاش، سېتىش ۋە يېيىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك

2020.02.26 16:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21- چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش باشقارمىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ساۋ جيې مۇنداق دېدى: 1 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنىدىن ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئورمان جامائەت خەۋپسىزلىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى، مېھمانساراي، ياۋايى ھايۋانلار ماكانى، ياۋايى ھايۋانلار باغچىسى قاتارلىق سورۇنلاردىن 5320 نى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، 38 دېلونى پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلدى، 476 ياۋايى ھايۋانلار كۆپەيتىش سورۇنىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، 550 يېمەك ـ ئىچمەك كارخانىسىنى تەكشۈردى، 150 پاش قىلىش ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلدى، ياۋايى ھايۋانلارنى كۆپەيتىش ۋە تىجارەت سورۇنىنى 6561 قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلدى.

  1- ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا چارلاپ مۇھاپىزەت قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاشنى قەتئىي مەنئى قىلدى؛ بۇنىڭ مەزمۇنى بولسا، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ سۈنئىي ئۇسۇلدا كۆپەيتىلىش ۋە تىجارەت قىلىپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش سورۇنلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىش؛ ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلاردىن ئىشلەنگەن بۇيۇملارنى قاتتىق مەنئى قىلىش؛ ياۋايى ھايۋانلارنى كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتىنى توختىتىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

  نۆۋەتتە، شىنجاڭدا سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىلىۋاتقان بارلىق ياۋايى ھايۋانلار خىزمەت تەلىپى بويىچە تۈرلۈك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاقىدار تارماقلار ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى، قىزىلتاغ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى، خۇالىڭ گۈل - گىياھ بازىرى، بېييۈەنچۈن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى ۋە دورىخانا، تاللا بازىرى، ئالاھىدە مەھسۇلاتلار ماگىزىنى قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار سودا سورۇنلىرىنى تەكشۈردى. نۆۋەتتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ياۋايى ھايۋانلار سودىسى ئەھۋالى بار سورۇنلار تاقالدى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازارلىرىدا ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلاردىن ئىشلەنگەن بۇيۇملارنىڭ سېتىلىش ئەھۋالى ۋاقتىنچە بايقالمىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ