مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

350 نەپەر ئوفىتسېر-ئەسكەر يەڭنى تۈرۈپ قان تەقدىم قىلدى

2020.02.25 16:53 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  2-ئاينىڭ 22-كۈنى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى مەلۇم تارماق ئەترىتى ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، 350 نەپەر ئوفىتسېر-ئەسكەر يەڭنى تۈرۈپ قان تەقدىم قىلىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قان مەركىزىنىڭ زاپاس قان تەييارلاش خىزمىتىگە ۋاقتىدا كۈچ قوشۇپ، پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە كىلىنىكىدا ئىشلىتىلىدىغان قان بېسىمىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلەتتى.

  2-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئىككى كۆچمە قان تەقدىم قىلىش ئاپتوموبىلى قىسىم گازارما رايونىغا كىرىپ كەلدى، مۇخبىر نەق مەيداندا ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ «قان تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى جەدۋىلى»نى تولدۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقانلىقىنى، يەنە بەزىلىرىنىڭ يەڭنى تۈرۈپ قان تەكشۈرتۈشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردى، تەقدىم قىلىنىۋاتقان ئىسسىق قانلار خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى نامايان قىلدى.

  «يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، 2020-يىلى چاغان مەزگىلىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك قان مەركىزىدە قان تەقدىم قىلىدىغان ئادەم قېتىم سانى ۋە قان تەقدىم قىلىش مىقدارى 2019-يىلى چاغان مەزگىلىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %43 ۋە %47 تۆۋەنلىدى. ئامباردىكى قان مىقدارى يۇقۇمدىن بۇرۇنقى 850 مىڭ مىللىلىتىردىن 350 مىڭ مىللىلىتىرغا چۈشۈپ قالدى، كۆپچىلىك ئۆيدىن چىقمىغان كۈنلەردىمۇ، كىلىنىكىدا قان ئىشلىتىش ئېھتىياجى ئازايمىدى، شۇڭا جەمئىيەتكە ياردەم تەلەپ قىلىش ئۇچۇرى چىقاردۇق» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك قان مەركىزىنىڭ مۇدىرى جاڭ خۇڭبىن.

  بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى مەلۇم تارماق ئەترىتى دەرھال ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى قان تەقدىم قىلىشقا تەشكىللىدى. «مەن خۇاڭگاڭلىق، ئاتا-ئانام خۇبېيدا، يۇقۇم پەۋقۇلئاددە پەيتىدە، مەن ئۇلارغا ھەمراھ بولۇشقا ئامالسىز، شۇڭا قان تەقدىم قىلىش ئارقىلىق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا ئازراق بولسىمۇ كۈچ قوشسام دەيمەن» دېدى 19 ياشلىق خۇبېيلىق جەڭچى زېڭ ئاۋ.

  23 ياشلىق سىچۇەنلىك جەڭچى شياڭ كەيفېڭ 4-قېتىم قان تەقدىم قىلىشقا قاتناشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇۋاتقىنىمغا بەش يىل بولدى، شىنجاڭ مېنىڭ يۇرتۇم، يۇرتۇمدىكى خەلق ئېھتىياجلىق بولغانىكەن، مەنمۇ بىر كىشلىك كۈچ قوشۇشۇم كېرەك. بۇمۇ مېنىڭ يەنە بىر خىل ئۇسۇلدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقارغىنىم ھېسابلىنىدۇ.

  شۇ كۈنى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر جەمئىي 70 مىڭ مىللىلىتىر قان تەقدىم قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ