مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ يۇقۇم مەزگىلىدە ئىشقا ئورۇنلاشقان، ئىگىلىك تىكلىگەن مېيىپلەرگە تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ياردەم پۇلى بېرىدۇ

2020.02.25 16:51 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئىشقا ئورۇنلاشقان، ئىگىلىك تىكلىگەن مېيىپلەرگە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىدۇ.

  2-ئاينىڭ 24-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئىشقا ئورۇنلاشقان، ئىگىلىك تىكلىگەن مېيىپلەرنىڭ يۇقۇم مەزگىلىدىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، مېيىپلەر بىرلەشمىسى يېقىندا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەزگىلىدە ئىشقا ئورۇنلاشقان، ئىگىلىك تىكلىگەن مېيىپلەرگە تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ياردەم پۇلى بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش تارقاتقان.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: يەككە سودا-سانائەت تىجارەت كىنىشكىسى ئالغان ئۇۋۇلاش ئاپپاراتلىرى ھەمدە شەخسلەر قۇرغان مېيىپلەرنى يۆلەش خاراكتېرلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەر بىرىگە 8000 يۈەندىن تۆۋەن بولمىغان ئۆلچەم بويىچە بىر قېتىملىق ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.

  يەككە سودا-سانائەت تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن ۋە يەككە ئىشقا ئورۇنلاشقان مېيىپلەرگە ھەر بىر دۇكانغا 3000 يۈەندىن تۆۋەن بولمىغان ئۆلچەم بويىچە بىر قېتىملىق ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. كېرەكلىك خىراجەت ۋىلايەت، ئوبلاست( شەھەر، ناھىيە)لارنىڭ مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالەت پۇلى كىرىمىدىن چىقىم قىلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ھەر دەرىجىلىك مېيىپلەر بىرلەشمىلىرى خادىملارنى ئىستاتىستىكا قىلىپ يۇقىرىغا يوللاش ۋە تەكشۈرۈپ رويخەتكە ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئالاقىدار خىزمەت تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادەمنى، دۇكاننى چۈشۈرۈپ قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلىدىكەن. مالىيە تارماقلىرى مەبلەغنى ۋاقتىدا ئاجرىتىپ، 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تولۇق تارقىتىپ بولدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ