مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشىدا ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىمىز

2020.02.24 16:45 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ مۇنداق بىلدۈردى −

  ئىشەنچنى چىڭىتىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشىدا ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىمىز

  پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىمىز

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتنىشىۋاتقان تېببىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارنى ئاسراش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىش ئارقىلىق، نۆۋەتتە يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتى دەسلەپكى قەدەمدە

  توسۇپ قېلىندى، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ نەتىجىلەر كىشىنى تولىمۇ روھلاندۇرىدۇ. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېببىي خادىملارنىڭ خىزمىتى، تۇرمۇشى ۋە تەن ساغلاملىقىغا چىن قەلبىمىز، چىن ھېسسىياتىمىز بىلەن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە ئورتاق غەلىبە قىلىمىز.

  جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تېببىي خادىملارنىڭ مېھرىبان قەلبىنى نامايان قىلىمىز

  يۇقۇم − بۇيرۇق. 2 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش - بىر تەرەپ قىلىش ۋە چۇما كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش ئورنىنىڭ خىزمەتچىسى ۋاڭ چىگو ۋە خىزمەتداشلىرى ۋۇخەنگە بېرىپ تارقىلىشچان كېسەل ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئاتلاندى. «باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىدىكى ھەربىر خەت، ھەربىر جۈملىگە چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت سىڭگەن بولۇپ، مەن ۋە خىزمەتداشلىرىم چوقۇم مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، مەسئۇلىيەت، بۇرچىمىزنى قەتئىي ياخشى ئادا قىلىمىز» دېدى ۋاڭ چىگو.

  جاۋ فېي كورلا شەھەرلىك 2 - خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مەسئۇل دوختۇرى. يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭگە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىپ، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىگە باردى. جاۋ فېي مۇنداق دېدى: بارلىق كەسىپداشلار بىلەن بىرلىكتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىشەنچىمىز بار، ئىرادىمىز بار.

  تېببىي خادىملار يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى تايانچ كۈچ. شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا داۋالاش ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لىن خەي مۇنداق دېدى: «بىز چوقۇم ئاغرىقلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى داۋالاش، مۇلازىمەت قىلىشتىكى ھەربىر ئىنچىكە ھالقىلارغىچە ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق تېببىي خادىملارنىڭ مېھرىبان قەلبىنى نامايان قىلىمىز».

  كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈشنى كۈچەيتىپ، مەدەت، كاپالەت بىلەن تەمىنلەيمىز

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن بىرىنچى سەپتە جەڭ قىلىۋاتقان تېببىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى ئاسراپ، ئۇلارنى باشتىن - ئاخىر كۈچلۈك جەڭگىۋارلىقنى ۋە كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسىنى، تولۇپ تاشقان زېھنىي كۈچنى ساقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ماناس ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جيەنجۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى بىزنىڭ مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە ئېنىق تەلەپ قويدى. بىز مۇداپىئەلىنىش، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ۋە مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تېببىي خادىملارنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكى بولىمىز.

  «خوتۇنۇمنىڭ ئىدارىسى مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا كۆڭۈل بۆلدى ۋە ئەھۋالىمىزنى ئىگىلەپ تۇردى، يەنە دائىم مەخسۇس خادىم ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆيىمىزگە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى، بۇنىڭدىن قەلبىم ئىللىدى.» رېن شۆبىڭنىڭ خوتۇنى ليۇ چۇنخۇا تۇنجى تۈركۈمدىكى شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى.

  جەڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىمىز

  ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لىشيا مۇنداق دېدى: بىز چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملار، بولۇپمۇ ئايال تېببىي خادىملارغا ھەسسىلەپ كۆڭۈل بۆلىمىز، ئۇلارنى ئاسرايمىز.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر چاڭ جيەنمېي مۇنداق دېدى: «بىز چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېببىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى دەل ۋاقتىدا مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز».

  (مۇخبىرلىرىمىز لى ياڭ، چاۋ جىن، دۇ جيەنخۇي، يۈ مېڭرەن، سۇ لۇپىڭ، گې يوۋجۈن، لياڭ لىخۇا، ما يىنىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار سۇڭ نىڭ، خۇاڭ جىخۇڭ، ۋاڭ ۋېيسې، شىن مېيلىڭ يازغان)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ