مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقى جەنۇبتىن شىمالغا تەرتىپلىك قانات يايدى

2020.02.24 16:38 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز ليۇ يىنىڭ 2 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى جەنۇبتىن شىمالغا تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇۋېتىپتۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا دېھقانلارنىڭ ھويلىلىرىدىكى كىچىك پارنىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئېتىزلاردىكى چوڭ پارنىك «ئەتىيازلىق بالدۇر تېرىش» ئىشلەپچىقىرىشى تېز قوزغىتىلىپ، تېز ئۆسىدىغان كۆكتاتلارنى

  جىددىي تېرىش چىڭ تۇتۇلۇپ، ئىشلەپچىقىرىش دەۋرى قىسقارتىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى بازارنى تەمىنلەش كۈچەيتىلىپتۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىنىڭ باش ئاگرونومى لى جىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئەڭ يېڭى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تېرىلماقچى بولغان دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى كۆلىمى 70 مىليون 642 مىڭ 900 مو بولۇپ، بۇلتۇرقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا مۇقىملىق ئاساسىدا سەل ئازايغان، تېرىلغۇ قۇرۇلمىسىدا بۇغداي، كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى ئازىيىش، كۆممىقوناق، كۆكتات، خاس زىرائەت تېرىلغۇ كۆلىمى كۆپىيىشتەك «ئىككى ئازىيىش، ئۈچ كۆپىيىش ۋەزىيىتى» كۆرۈلۈپ، قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئەلالىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن.

  ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئەتىيازلىق ئېتىز پەرۋىشى كەينى - كەينىدىن باشلاندى، كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى پۇختا قەدەمدە ئۆستى. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تەدرىجىي ئۆرلەپ، كۈزگى بۇغداينىڭ قىشتىن ئۆتۈشى نورمال بولۇپ، پات يېقىندا كۆكلەيدۇ، شىمالىي شىنجاڭدا كۈزگى بۇغداي يەنىلا قىشتىن ئۆتۈش مەزگىلىدە تۇرماقتا. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئەسلىھەلىك كۆكتات ئېتىزى پەرۋىش خىزمىتى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا، ھەرقايسى جايلار ئارقا - ئارقىدىن ئىشلەپچىقىرىش تارماقلىرىدىكى مۇتەخەسسىس، تېخنىك كادىرلارنى توردا كۆكتاتچى دېھقانلارغا تېخنىكا مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كۆكتاتچى دېھقانلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا ۋاقتىدا تەرتىپلىك ئاتلىنىشقا يېتەكلەشكە تەشكىللىدى.تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى مەزگىلدە پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 64 مىڭ مو ئەسلىھەلىك كۆكتات تېرىش بېكىتىلگەن بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە ھوسۇلى 316 مىڭ توننىغا يېتىدىكەن، 3 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 5 - ئاينىڭ باشلىرىغىچە ئارقا - ئارقىدىن بازارغا سېلىنىدىكەن.

  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەييارلاش جەھەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى «قىش پەسىللىك ھۇجۇم»نى تۇتقا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرى بازىرىدىكى ساختا، ناچار تاۋارلارغا زەربە بېرىش ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمانلىرىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇردى. ھازىرغا قەدەر، جەمئىي 566 مىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمانلىرى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىندى، تەربىيەلەنگەن خادىم جەمئىي 80 مىڭ ئادەم(قېتىم)گە يەتتى. يېقىندا، ھەرقايسى جايلار «يېزا - كەنت چوڭ كانىيى» قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، كەڭ دېھقانلار ۋە تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى شەخسىي مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىغا ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇشقا پائال سەپەرۋەر قىلدى.

  «يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى تېرىقچىلىق مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.» لى جىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرىنى غەملەش - تەمىنلەشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرى ئەشيا ئوبوروتى ۋە يۆتكەش - توشۇشنى تېزلىتىپ، نۇقتىدىن نۇقتىغا تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان تىرانسپورت يېشىل يولىنى بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرىنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ راۋان يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدە يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا، سۈپىتىنىڭ ئىشەنچلىك بولۇشىغا، بازارنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا ئىگىلىك تېخنىكا تارماقلىرى خىزمەت پىكىر يولىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا يېتەكچىسى قوللانمىسىنى تۈزۈپ، تېخنىكا جەھەتتە مۇلازىمەت قىلىش، يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتۈن يىلدا ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىكىدە مول ھوسۇل ئېلىشقا پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك.

  ئىگىلىنىشىچە، ھازىر پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرى بىلەن ئومۇميۈزلۈك تەمىنلەش يېتەرلىك، يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرى بازىرىدا باھا مۇقىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تەڭلەشكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ