مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قىلچە بوشاشماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

2020.02.24 16:34 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنى ئاچتى

  قىلچە بوشاشماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

  پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئالاقىدار خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلدى، ھازىر يۇقۇم ۋەزىيىتىدە ئاكتىپ ئۆزگىرىش كۆرۈلدى، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە ئىجابىي نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. ھۆكۈمەت پارتىيە گۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتىيە گۇرۇپپىسى ھەم ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى ھەرقايسى تارماقلار ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، داۋاملىق تۈردە قىلچە بوشاشماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئايلىنىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تۈرلەر بويىچە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، شارائىتقا ئاساسەن، كەسىپكە ئاساسەن، كارخانىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن تەدبىر يۈرگۈزۈپ، رايون بويىچە، ساھە بويىچە، ۋاقىت بۆلىكى بويىچە بىخەتەر، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى چىڭىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا تارقىلىشى، يامراپ كېتىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، بىرىدە ئىش، ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلسە، بىرىدە بىخەتەر ئايلىنىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق، مەسىلىلىرىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ھەل قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم بېرىش كېرەك. كارخانىلارنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا مەخسۇس ياردەم بېرىش، يۆلەش مېخانىزمى ئورنىتىپ، سىياسەت جەھەتتىن يۆلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشتىكى تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى پەرقلىق ئېتىبار پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلەپ، كارخانىلار، بولۇپمۇ پۇقراۋى كارخانىلار ۋە ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى يېنىكلىتىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. مۇھىم قاتناش غول لىنىيەسى ھەم ھالقىلىق ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، نورمال قاتناش - تىرانسپورت تەرتىپىنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىگە پائال كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سالماقنى ئاشۇرۇپ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئومۇمىي مەنپەئەت خاراكتېرلىك، ئۇل خاراكتېرلىك، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش خاراكتېرلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىقلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھازىرقى ۋەزىيەتتە، ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ