مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپ تارماق تەدبىر چىقىرىپ، يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى خادىملارغا كۆيۈندى

2020.02.24 16:23 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپ تارماق تەدبىر چىقىرىپ، خىزمەتلەرنى باھالاش، ئىش ئورنى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ۋاقىتلىق ياردەم تولۇقلىمىسى تارقىتىش قاتارلىق كۆپ جەھەتتىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى خادىملارغا كۆڭۈل بۆلدى، كۆيۈندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى سىياسەت چىقىرىپ، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى ئەمەلىي ئىپادىسىنى ئادەتتىكى باھالاش، يىللىق باھالاش، تەكلىپ قىلىش مۇددىتىنى باھالاش ھەمدە داۋاملىق تەكلىپ قىلىش، خىزمەتتىن بوشىتىش، رىقابەتلەشتۈرۈپ تەكلىپ قىلىش، ئىش ئورنى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشنى بەلگىلىدى. جاسارەت بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان، خىزمەتتە ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان، ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ھەمدە شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى تېببىي خادىملار ئادەتتىكى باھالاشتا مۇنەۋۋەر دەپ بېكىتىلىدۇ ھەم بۇ، يىللىق باھالاشتا دەرىجە بېكىتىشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىنىدۇ، ئىش ئورنى دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەندە ئىش ئورنى قۇرۇلمىسى نىسبىتىدىن ئاشۇرۇپ ئالدىن تەكلىپ قىلىشقا بولىدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە تۆھپە قوشقان كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچى خادىملار ۋە كوللېكتىپلار، بولۇپمۇ جاسارەت بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان، تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغانلارنى «كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچى خادىملارنى مۇكاپاتلاش بەلگىلىمىسى»گە ئاساسەن ۋاقتىدا مۇكاپاتلاشقا بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە سىياسەت چىقىرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە قاتناشقان تېببىي خادىملار ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتچىلىرىگە ۋاقىتلىق خىزمەت ياردەم تولۇقلىمىسى تارقاتتى، بىرىنچى سەپتىكى خادىملارنىڭ ھەر بىرىگە كۈنىگە 300 يۈەن، باشقا خادىملارنىڭ ھەر بىرىگە كۈنىگە 200 يۈەن بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى مەخسۇس خىزمەت خىراجىتى ئاجرىتىپ، شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قانات يايدۇرۇشىغا جىددىي ئېھتىياجلىق ماددىي ئەشيالارنى سېتىۋېلىش، بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملار ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتچىلىرىگە ۋاقىتلىق خىزمەت ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىپ، داۋالاش ئەترىتىنىڭ خىزمەتلەرنى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى تېببىي خىزمەتچىلەرگە قارىتا مەخسۇس ئېتىبار بېرىش ۋە ئايروپىلان بېلىتىنى قايتۇرۇش، ئۆزگەرتىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى. تۇنجى بولۇپ خىزمەتتىكى تېببىي خادىملار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان «تېببىي خادىملارنى ھۆرمەتلەش كارتىسى»نى يولغا قويدى، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ تېببىي خادىملارنى ھۆرمەتلەش كارتىسى ئالغان مەرۋايىت ئەزالار مەخسۇس ھوقۇق - مەنپەئەت ۋە بېلەت قايتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش مۇلازىمىتىدىن ئارتۇق بەھرىمەن بولىدۇ، خىزمەت كىنىشكىسى ئارقىلىق بېلەتنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئىچىدە بېلەتنى ھەقسىز قايتۇرالايدۇ (ئىشلىتىلمىگەن بېلەتنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئادەتتە بېلەت كېسىلگەن كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە بولىدۇ).

  خۇاشيا ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى تېببىي خادىملارغا بىر يۈرۈش بېرىپ - كېلىش ئايروپىلان بېلىتى سوۋغا قىلىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى ھەم تېببىي خادىملارغا كۈچكە ئىگە مۇددەت ئىچىدە ئارتۇق يۈك - تاق مىقدارى، ئالدىن ئېتىبار بېرىش ئىمتىيازى، چەكسىز قېتىم ئايروپىلان بېلىتىنى ئەرزان سېتىپ بېرىش ئېتىبارىنى سوۋغا قىلدى. تېببىي خادىملارغا بېرىپ - كېلىش ئايروپىلان بېلىتى سوۋغا قىلىش پائالىيەت ۋاقتى 2 -ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 2 - ئاينىڭ 29 - كۈنى سائەت 22 گىچە بولۇپ، ھەقسىز ئايروپىلان بېلىتى لىنىيەسىدىكى ئەمەلىي توشۇشنى خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى ھۆددىگە ئالىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ