شىنجاڭنىڭ ياڭاقلىرى جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق خەلقئارا بازارغا ئېكسپورت قىلىندى

2020.02.21 17:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 20-كۈنى، جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدە، X9403 قېتىملىق جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ شوپۇرى يولغا چىقىشتىن بۇرۇن تەييارلىق قىلماقتا.

  شۇ كۈنى 44 گۇرۇپپا كونتېينېرغا لىق ياڭاق بېسىلغان X9403قېتىملىق جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، تۈركىيەگە قاراپ يول ئالدى. يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەزگىلىدە، جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتتى، يەنە بىر قولدا نۆۋەتچى پويىزنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلار بىلەن ۋاقتىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئەھۋالى ۋە تىرانسپورت پىلانىنى ئىگىلەپ، مال مەنبەسىنى پائال تەشكىللەپ، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ كۈندىلىك مال تارقىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ