مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2-ئاينىڭ 20-كۈنى شىنجاڭدا (بىڭتۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرى كۆپەيمىدى

يېڭىدىن ئىككى كىشى دوختۇرخانىدىن چىقتى

2020.02.21 17:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، 2-ئاينىڭ 20- كۈنى سائەت 0 دىن 24 كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى يوق ئىكەن. يېڭىدىن ئىككى كىشى دوختۇرخانىدىن چىققان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىمارلار ئىكەن.

  2-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 24 كىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارىدىن 76 سى مەلۇم قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن 52 سى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىن 24 ى بار. ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلار ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 23 كىشى، ئىلى ئوبلاستىدا 18، تۇرپان شەھىرىدە ئۈچ، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە بىر، سانجى ئوبلاستىدا تۆت، بايىنغۇلىن ئوبلاستىدا ئۈچ؛ بىڭتۇەن 7-شىسىدا بىر، بىڭتۇەن 8-شىسىدا تۆت، بىڭتۇەن 9- شىسىدا تۆت، بىڭتۇەن 6-شىسىدا ئىككى، بىڭتۇەن 12-شىسىدا ئۈچ، بىڭتۇەن 4- شىسىدا ئون كىشى بار. جەمئىي 22 بىمار ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، بىر بىمار ئۆلدى. دوختۇرخانىدىن چىققان كېسەللەر ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 10 كىشى، تۇرپان شەھىرىدە بىر كىشى، ئىلى ئوبلاستىدا ئالتە كىشى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە بىر كىشى، سانجى ئوبلاستىدا ئىككى كىشى، بىڭتۇەن 7-شىسىدا بىر كىشى، بىڭتۇەن 8-شىسىدا بىر كىشى بار.

  ھازىر دوختۇرخانىدا يېتىپ ئايرىپ داۋالىنىۋاتقانلار 53 كىشى، بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر كېسەللەر توققۇز، ئەھۋالى خەۋپلىك كېسەللەر ئۈچ كىشى. نۆۋەتتە 6279 كىشى تېببىي كۆزىتىلىۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ