مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەمىنات - سودا سىستېمىسى كۆپ خىل تەدبىر ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلدى

2020.02.20 16:59 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئۈندىداردا ئالدىن كېلىشىش مالنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈش

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەمىنات - سودا سىستېمىسى كۆپ خىل تەدبىر ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلدى

  پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات - سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپىدىن ئۇقۇشىچە، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تەمىنات - سودا سىستېمىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتىنىڭ ئاساسىي يوللۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرى تەمىناتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلغان.

  يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات - سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كېرەكلىك يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرى تەمىناتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى(گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش تەشەببۇسنامىسى»، كەڭ دېھقان ئائىلىلىرىگە «تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىم قىلىش ۋەدىنامىسى» تارقىتىپ، تۈرلۈك زاپاس ساقلاش، يۆتكەش، تەمىنلەش خىزمىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلىدى. ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى يەتكۈزۈش مەركىزى، 66 ناھىيە تەۋەسىدىكى شىركەت ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق تور نۇقتىلىرى، 1000غا يېقىن ئىشچى - خىزمەتچى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كېرەكلىك يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە يۈننەن، گۇيجوۋدىن فوسفورلۇق ئوغۇت يۆتكەپ شىنجاڭغا كىرگۈزۈش سالمىقىنى زورايتتى. سانجى، ئىلى، ئاقسۇ، تارباغاتاي قاتارلىق جايلاردىكى تەمىنات - سودا كوپىراتىپلىرى تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ بازارلىرىنى تەكشۈرۈشنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلەپ، ئالاقىدار يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرىغا ئالاقىدار سېتىش كارخانىلىرىنىڭ تەڭشەپ تەقسىملەش سالمىقىنى ئاشۇرۇشىغا پائال ھەيدەكچىلىك قىلدى.

  يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى گۇرۇھى «دوستلۇق بوشلۇقى» يىراقتىن ئىش بېجىرىش سىستېمىسىنى ئاچتى ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوننى قاپلىغان «دېھقانلار شادلىقى» زەنجىرسىمان يەتكۈزۈش تورىغا تايىنىپ، «ئۇچراشماي سېتىش» ماركېتىڭ ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئوتتۇرىدىكى ھالقىلارنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، دېھقانلارنىڭ سېتىۋېلىش تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى. سانجى، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى تەمىنات - سودا كوپىراتىپلىرى خېرىدارلار ئۆزى ئېلىپ كېتىش، تور ئەشيا ئوبوروتى APPسىدا زاكاز قىلىش، مەركەزلەشتۈرۈپ يەتكۈزۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق يەتكۈزۈشنىڭ ئەڭ تولۇق بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى. ئىلى، تارباغاتاي قاتارلىق جايلاردىكى تەمىنات - سودا كوپىراتىپلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق سېتىش، ئۈندىدار، تېلېفوندا ئالدىن كېلىشىش، مالنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈش قاتارلىق خەلققە قولايلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دېھقانلارنىڭ ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەمىنات - سودا سىستېمىسىدىكى يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرى ئوبوروت كارخانىلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى گۇرۇھى يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرىنىڭ سۈپىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلغان ئەھۋالدا، سودا - سانائەت، سۈپەت - تېخنىكا نازارەتچىلىكى قاتارلىق فۇنكسىيەلىك تارماقلارغا پائال ماسلىشىپ، ساختا يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرىغا زەربە بېرىش مەخسۇس تۈزەش پائالىيىتىنى بىرلىكتە قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان ئوغۇتنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، دېھقانلارنى تۇزاققا دەسسىتىش، دېھقانلارغا زىيان يەتكۈزۈش ۋەقەلىرىنىڭ يۈزبېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

  ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تەمىنات - سودا سىستېمىسى 300 مىڭ توننا خىمىيەۋى ئوغۇت، 800 توننا دېھقانچىلىق دورىسى، 2500 توننا سولياۋ يوپۇق تەييارلاپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ بازىرىنىڭ ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ