مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلار تەرتىپلىك ھالدا «ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەندىزىسى»گە كىردى

2020.02.20 16:57 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بوشاشماسلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە غەيرەتنى ئاشۇرۇش

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلار تەرتىپلىك ھالدا «ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەندىزىسى»گە كىردى

  پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىمىز

  ئۇن زاۋۇتىدا ماشىنىلار گۈرۈلدەپ تۇراتتى، ماسكا ئىشلەش سېخىدا چىراغلار يورۇپ تۇراتتى، ئىسپىرت ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى تېز سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتاتتى... ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى

  پائال ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەر، تەرتىپلىك ھالدا «ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەندىزىسى»گە كىردى، ھەرقايسى كارخانىلار ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ئورنىغا قايتىش ۋە ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتكە بولغان تەسىرىنى تىرىشىپ پەسەيتتى.

  ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش

  2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى سائەت 10 ئەتراپىدا، ئۈرۈمچى جېڭدا چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچىلىرى زاۋۇت ئۆيلىرىگە ئارقا - ئارقىدىن كىردى، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، دېزىنفېكسىيە قىلىش قاتارلىق تەرتىپلەر ئارقىلىق، تەلەپ بويىچە مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ، ماسكا تاقاپ، پەلەي كىيگەندىن كېيىن سېخقا كىرىپ ئىشقا چۈشتى، «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىز بايلىقلارنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، يۆتكەپ توشۇشنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەڭ زور چەكتە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇردۇق. نۆۋەتتە، يەم - خەشەك زاۋۇتى، باقمىچىلىق مەيدانى ھەمدە خام، يېڭى يېمەكلىك بىۋاسىتە سېتىش دۇكانلىرىنىڭ ھەممىسى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى. بىز ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى ئۈرۈمچى بازارلىرىنى 420 مىڭ دانە تۇخۇم بىلەن تەمىنلەۋاتىمىز، جېڭدا خام، يېڭى يېمەكلىك بىۋاسىتە سېتىش مەركىزى مالنى ئىشىك ئالدىغا ھەقسىز يەتكۈزۈپ بېرىشنى يولغا قويدى» دېدى جېڭدا گۇرۇھى شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش باش نازارەتچىسى جوۋ چى.

  ماشىنىلار گۈرۈلدىگەن ئاۋاز چىقىرىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئازراقمۇ توختاپ قالمىدى. فۇكاڭ شەھىرىدىكى بىردىنبىر ئۇن پىششىقلاش كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، فۇكاڭ شەھىرىدىكى رۈيخې ئاشلىق - ياغ سانائەت - سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بۇ يىل چاغاندا ئىلگىرىكى يىللارغا ئوخشاشلا، بىر كۈنمۇ ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتمىدى. نۆۋەتتە، بۇ شىركەت ھەر كۈنى 150 توننا ئەتراپىدا ئۇن ئىشلەپچىقىرىدۇ، فۇكاڭ شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق جايلارنى تەمىنلىگەندىن سىرت، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى بازار تەمىناتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يەنە زور مىقداردا ئۇننى زاپاس ساقلىدى.

  2 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، مۇخبىر سانجى دۆلەت يۇقىرى - يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ خېڭئەن قەغەزچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرگەندە، ئون ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى پۈتۈن سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتقان بولۇپ، 200 نەچچە ئىشچى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتاتتى. «چاغاندىن ئىلگىرى تاپشۇرۇۋالغان توققۇز رايوننىڭ زاكازى بويىچە مال بىلەن تەمىنلەشنى قەرەلىدە تاماملىدۇق» دېدى بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ چۈەنخۇي.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرت، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا سەل قاراشقا بولمايدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ سانجى سېتىش شۆبە شىركىتى مەخسۇس تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتتى. بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ يۆخۇا مۇنداق دېدى: بىز بىر تەرەپتىن پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۈسكۈنىلەرنىڭ كۈندىلىك ئايلىنىشىنى قوغداش، ئاسراش، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىدۇق، يەنە بىر تەرەپتىن قىسمەن سانائەت خېرىدارلىرىغا قارىتا، قەرز بولۇپ قالسىمۇ گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختاتماسلىق قاتارلىق سىياسەتلەرنى قوللىنىپ، داۋاملىق تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدۇق؛ ھەق تاپشۇرۇپ قىممەت تولۇقلاش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كارخانا ۋە ئاھالىلەرنىڭ نورمال گاز ئىشلىتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.

  جىددىي تەييارلىق كۆرۈش يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنى قوللاش

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، مەھەللە، ئاممىۋى سورۇنلار زور مىقداردىكى ئىسپىرت، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلارغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولدى، بىر قىسىم كارخانىلار ھازىر بار بولغان بايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كۆپەيتىپ ياكى ئۆزگەرتىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنى قوللىدى.

  75%لىك دېزىنفېكسىيە ئىسپىرتىنىڭ قىس بولۇش ئەھۋالىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ بوشېڭ ھاراقچىلىق ئېچىتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى قايتۇرۇپ كېلىپ، 24 سائەت ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، دېزىنفېكسىيە ئىسپىرتىنى ئىشلەپچىقاردى، ئىشلەپچىقىرىش سېخى جىددىي تۈردە قاچىلاپ ساقلىنىدىغان ئۈچ دېزىنفېكسىيە ئىسپىرتى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ۋە بىر دېزىنفېكسىيە ھۆل قەغىزى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى قۇراشتۇردى. يېڭىدىن قۇراشتۇرۇلغان دېزىنفېكسىيە ئىسپىرتى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتىغا قاتتىق تەلەپ قويۇلىدىغان بولۇپ، ئۈسكۈنىلەرنى زاۋۇتقا كىرگۈزۈشتىن سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىشقىچە پەقەت ئۈچ كۈن ۋاقىت كەتتى. نۆۋەتتە، يېڭىدىن قۇراشتۇرۇلغان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە تولۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولۇپ، دېزىنفېكسىيە ئىسپىرتىنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرالايدۇ. زاپاس مال ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى سۈپەت ۋە مىقدارغا كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ۋاقتىدا ئورۇنداش ئۈچۈن، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىككى ئىسمېنا ئالمىشىپ ئىشلەپ، مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.«پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە، بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئېھتىياجنى قاندۇرۇشىمىز كېرەك.» جۇڭتەي گۇرۇھى قارىمىقىدىكى بالا شىركەت خۇاتەي شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى جيا يۈەنكۈەن مۇنداق دېدى: 2 - ئاينىڭ 15 - كۈنىگىچە، شىركىتىمىز 84 دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىدىن 28 توننا ئىشلەپچىقاردى.شىنجاڭ مېيكې خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشلەپچىقىرىش ماشىنىلىرى تولۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىسمېنا قوشۇپ ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى سۈن جىگۇاڭ مۇنداق دېدى: «مېيكې خىمىيە سانائىتى شىركىتى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلات 1، 4- بۇتىل گىلىكول (BDO) بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەنكى لىنىيەنى كۆز ئاسراش ئەينىكى، مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن تەمىنلەيدۇ، ھازىر كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 600 توننا. تۆۋەنكى لىنىيەدىكى خېرىدارلارنىڭ مەھسۇلات مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خىزمەتچىلەر بىرىنچى سەپتە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەۋاتىدۇ».

  دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىش ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كۈچ قوشۇش

  يۇيۇش بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كۈندىلىك خىمىيە سانائىتى كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «نائەيسى» ئۈرۈمچى چەكلىك شىركىتى ئەسلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى باشقىدىن قۇراشتۇرۇپ، تەڭشەپ ۋە سىناپ، تىپىنى ۋاقىتلىق ئۆزگەرتىپ، 84 دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەپچىقاردى. 2 - ئاينىڭ 17 - كۈنى رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ 15 توننىغا يېتىشى مۆلچەرلەندى. دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشىشكە توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن، ئالاقىدار تارماقلار ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىپ، كارخانىلارغا يېشىل يول ئېچىپ بېرىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئوڭۇشلۇق ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بەردى. بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى رېن جىخۇي مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى تېزدىن ئېلىشىمىز، ھۆكۈمەتنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، قوللىغانلىقىدىن بولدى. كېيىنكى قەدەمدە، بىز بار كۈچىمىز بىلەن تىرىشىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىمىز».

  كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ساقلىنىۋاتقان قىيىنچىلىقىنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەكشى، مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى جۇڭگو ئامانلىق مۈلۈك سۇغۇرتىسى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنى كىچىك، مىكرو كارخانىلار ئۈچۈن «مىليون ئىشچى - خىزمەتچىلەر قۇتقۇزۇش پۇلى» خەۋپ - خەتەر كاپالىتى مەخسۇس مۇلازىمىتى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەشكە پائال ماسلاشتۇردى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 6000غا يېقىن كىچىك، ئۇششاق كارخانا بۇ شىركەت تەمىنلىگەن ئومۇمىي سوممىسى 6 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەخسۇس كاپالەتكە ئىگە بولدى، بۇ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كارخانا ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى ھەل قىلدى.

  (مۇخبىرلىرىمىز ۋاڭ يۈجاۋ، ما يىنىڭ، چېن چياڭۋېي، يۈ شى، شيا چىڭ، گې يوۋجۈن، لۇ فېڭباۋ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ما تيەنچى، شاڭ لىتىڭ، چېن شىن، ليۇ چيەن يازغان)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ