شىنجاڭدا جۇڭگو پوچتىسى يۇقۇم ئەھۋالى مەزگىلىدە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى

2020.02.18 18:12 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: جۇڭگو پوچتىسى ئۈرۈمچى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى خۇيشەن كوچىسى تىجارەت ئورنىدىكى يەتكۈزگۈچىلەر ئولتۇراق رايوننىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا كۆكتات، مېۋە- چېۋىلەرنى مال تاپشۇرۇۋالغۇچىغا تاپشۇرۇپ بەرمەكتە (2-ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان).

  يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك شۆبە شىركىتى مۇلازىمەت مەزمۇنىنى كېڭەيتىپ، 80دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل، 340تىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا سېلىپ، شەھەر ئاھالىسىنى كۆكتات، مېۋە-چېۋە، كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار، كىتاب، دورا قاتارلىقلارنى يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ