مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدىكى كۆپلىگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى «توردا دىياگنوز قويۇپ»، ئۆيىدە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلىشىگە ياردەم بەردى

2020.02.18 15:40 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ يېنىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ئاغرىقلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى كۆپلىگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى «ئالاقە تورىدا دىياگنوز قويۇش» مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىدىن گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش خەۋپ - خەتىرىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تۆۋەنلەتتى.

  يېقىندا، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى «ئالاقە تورىدا دىياگنوز قويۇش» مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى. ئاغرىقلار كېسەللىك ئەھۋالىنى تەسۋىرلەش ئۇچۇرىنى يوللىغاندىن كېيىن، ئالاقىدار بۆلۈملەرنىڭ دوختۇرلىرى 24 سائەت ئىچىدە قوبۇل قىلىدۇ، ئاغرىقلار توردا دوختۇرغا ھەقسىز كېسەل كۆرسىتىپ، بىۋاسىتە مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ.

  يېقىندا كۈيتۈن شەھىرى ئاھالىسى دۇڭ خۇيخۇينىڭ بوۋىقى يۆتىلىپ، پوتلىسى توختىماي ئاققان، ئۇ بالىسىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىشنى ئويلىسىمۇ، ئەمما گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشتىن ئەنسىرىدى. ئۇ قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئالاقىلىشىش توپىغا ياردەم ئۇچۇرى يوللىدى، ناھايىتى تېزلا دوختۇرلار ئۇنىڭدىن بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى ۋە كەسپىي مەسلىھەت بەردى.

  نەچچە كۈندىن بۇيان، كۈيتۈن شەھىرىدىكى كۆپلىگەن مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركەزلىرى ئارقا - ئارقىدىن «يان تېلېفون دوختۇرى» ئۈندىدار توپى قۇردى. ھازىرغىچە ھامىلىدار ئاياللار، تۇغۇتلۇق ئاياللار، بوۋىقى، كىچىك بالىسى بار ئاتا - ئانىلار ۋە سوزۇلما كېسەللىك ئاغرىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 پىكىر ئالماشتۇرۇش توپى قۇرۇلدى، ھەرقايسى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركەزلىرىدىكى دوختۇرلار توپتا تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنى ياردەم ۋە دىياگنوز قويۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  شىنجاڭدىكى كۆپلىگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى مۇنداق بىلدۈردى: توردا دىياگنوز قويۇشنى قانات يايدۇرۇش، ئاغرىقلارغا دەسلەپكى قەدەمدە دىياگنوز قويۇپ، ئاغرىقلارنىڭ دوختۇرخانىغا بېرىپ - كېلىش قېتىم سانىنى ئازايتىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ