شىنجاڭدا 24 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىنىپ، يولدا نورمال يۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىندى

2020.02.17 16:51 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 2-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى ئۇلانباي تەكشۈرۈش پونكىتىدا، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خادىملىرى يولدىن ئۆتكەن ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرمەكتە.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى ئۇلانباي تەكشۈرۈش پونكىتىدا قاتناش، جامائەت خەۋپسىزلىكى، داۋالاش قاتارلىق تارماقلاردىن تەشكىللەنگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش پونكىتى تەسىس قىلىنىپ، پۈتۈن كۈن 24 سائەت ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئاپتوموبىل ۋە خادىملارنى يۇقۇم مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتى، يوللاردىكى توسالغۇلارنى تازىلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، يوللاردىكى نورمال قاتناش ۋە ماددىي ئەشيالارنى ۋاقتىدا توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ