مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايون بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە بىرلەشمە ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

2020.02.17 14:40 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پۈتۈن شىنجاڭ «بىر تاختا شاھمات» بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «قاتتىق زەربە بېرىش»نى بىر تۇتاش پىلانلاپ نازارەت قىلىش كېرەك

  پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز لى ياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مېڭ شياڭجۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە سىستېمىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە بىرلەشمە ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، كۈچنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، بىرلەشمە ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋ فېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كۈچلۈك نازارەتچىلىك ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىك، كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش، نورمال ئىقتىسادىي تەرتىپنى ساقلاش، پەرقنى تېپىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش ۋە تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەش قاتارلىق جەھەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەرىكەتچان يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش ۋە ئىختىيارىي تەكشۈرۈش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، تولۇق قاپلىغان ھەيدەكچىلىكنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. مەسىلە بايقالغان ھامان ئىنكاس قايتۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك جايلار ۋە تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ دەرھال ھەرىكەتلىنىشى، دەرھال تۈزىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە ئەپلەپ - سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋېتىش، ساختىپەزلىك قىلىش، مەسئۇلىيەتنى بىر - بىرىگە ئىتتىرىپ قۇرۇق تالاش - تارتىش قىلىش، پاسسىپ تاقابىل تۇرۇش ۋە قۇتقۇزۇش پۇلى، ماددىي بۇيۇملىرىغا خىيانەت قىلىش ۋە ئۇنى ئىگىلىۋېلىش، ئىشلىتىۋېلىش، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش قاتارلىق ئىنتىزامغا خىلاپ، قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى كۈچەپ تۈزىتىپ، بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچنى پەرقلەندۈرۈش» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتچان بولۇش، نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك ئىنتىزام، قانۇن نازارەتچىلىكى كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ