مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كارخانىلار ئىش باشلىغان، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن چاغدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ياخشى قىلىش كېرەك

2020.02.11 15:46 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بەش تارماق بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ مۇنداق تەلەپ قىلدى

  كارخانىلار ئىش باشلىغان، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن چاغدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ياخشى قىلىش كېرەك

  پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز لى چۇنشيا، پىراكتىكانت شياۋ لياڭيۈەن خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، مائارىپ نازارىتى، مالىيە نازارىتى، قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى، سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىق بەش تارماق بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، كارخانىلار ئىش باشلىغان، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن چاغدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ياخشى قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، ئالاقىدار تارماقلار مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆز جايىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىش باشلاش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋاقتىنى دەل ۋاقتىدا ئالاقىلىشىپ ئىگىلەپ، كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، كارخانىلارنىڭ ئۆز جايىدىكى يوشۇرۇن كۈچنى قېزىش، ئارتۇق ۋە كەملىرىنى تەڭشەش، پىراكتىكىغا تەشكىللەش، پىراكتىكانتلارنى ماسلاشتۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ باسقۇچلۇق ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى ئەڭ زور چەكتە قامدىشىغا ھەمكارلىشىشى كېرەك؛ شۇ جاي ئېھتىياجنى قامدىيالمىسا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىش ئالدىنقى شەرتىدە، كارخانىلارنىڭ نىشانلىق رايون ھالقىپ خادىم تەكلىپ قىلىشىغا ھەمكارلىشىشى كېرەك؛ مۇئەييەن كۆلەمگە يەتكەن بولسا، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئارقىلىق قاتناش - تىرانسپورت تارماقلىرىنى توشۇش - يەتكۈزۈش لايىھەسى تۈزۈشكە ماسلاشتۇرۇشى، شارائىتى بارلىرى مەركەزلىك توشۇپ مەنزىلگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈشنى تەشكىللىسە بولىدۇ؛ شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانا ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىغا بىر قېتىملىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا جەلپ قىلىش ياردەم تولۇقلىمىسى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت ياردەم پۇلى بەرسە بولىدۇ.يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، يۇقۇم ئېغىر بولغان نۇقتىلىق رايونلاردىكى ئەمگەكچىلەر ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ئالاھىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ۋە سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئوخشاش شارائىتتا، ئاپتونوم رايونىمىز يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، ۋاقىتلىق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلگەن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ھەم جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملاردىن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلارغا مۇقىم ئىش ئورنى ياردەم تولۇقلىمىسى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم تولۇقلىمىسى، كەسپىي تەربىيەلەش ياردەم تولۇقلىمىسى، ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى، ئىشسىزلىق ياردەم پۇلى، ئىگىلىك تىكلەش بىر قېتىملىق ياردەم تولۇقلىمىسى قاتارلىق يۆلەش سىياسەتلىرى ئالدى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.ئاپتونوم رايونىمىز تۈرلۈك ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. تۈرلۈك ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار يۇقۇم ئېغىر رايونلاردىن كەلگەننى باھانە قىلىپ، ئالاقىدار خادىملارنى ئىشلىتىشنى رەت قىلسا، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا ياكى ئەۋەتىلگەن ئەمگەك كۈچلىرىنى قايتۇرۇۋەتسە بولمايدۇ. يۇقۇم مەزگىلىدە، ئىشسىز قالغان خادىملارنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلىنى ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى 90 كۈن ئىچىدە ئىلتىماس قىلىش چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، يۇقۇم مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار توردا ئىش بېجىرىشنى توختاتماسلىق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى توختاتماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن كىشىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەر خىل توردا ئېلان قىلىش يوللىرى ۋە كەسىپ بېجىرىش يوللىرىنى ئېچىپ، توردا ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن دائىملىق تەمىنلەپ، كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجى ۋە تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار كۆپ تارماق بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ مۇداپىئە كۆرۈش، ئەمگەك قىلىش، تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىنى دېزىنفېكسىيەلەش قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ