مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئوخشاش بولمىغان جەڭ مەيدانى، ئوخشاش جەڭچىلەر

2020.02.11 15:45 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  − سارسقا تاقابىل تۇرۇشتىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا قارشى ئورتاق جەڭ قىلىشقىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى باشتىن - ئاخىر ئەڭ ئالدىنقى سەپتە تۇردى

  پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىمىز

  17 يىل ئىلگىرى، سارس يامرىغاندا، ئۇلار كۆپچىلىكنىڭ سالامەتلىكى ۋە ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلىگەنىدى، «مەن پارتىيە ئەزاسى، مەن ئاتلانماي كىم ئاتلىنىدۇ» دېگەن قەسەم ئۇلارنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ياڭراپ تۇرىدۇ. بۈگۈن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئالدىدا، ئۇلار يەنە بىر قېتىم ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىپ، قەتئىي ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېيىشتى: «17 يىل ئىلگىرى بىز غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن، ھازىر بىز ئوخشاشلا يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايمىز!»

  زامان ۋە ماكاندىن ھالقىغان، ئوخشاش بولمىغان جەڭ مەيدانى، ئوخشاش «جەڭچى»لەر. يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئەڭ تەسىرلىك مەنزىرىگە، ئاممىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تايانچىغا ئايلاندى.

  «پۇقرالار ئۈچۈن كۆپرەك ئىش قىلىپ بەرگەندىلا، ئاندىن ئۇلار تېخىمۇ خاتىرجەم بولىدۇ»

  «تاغا، ئاپامنىڭ يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ، نەپەس ئالالماي قېلىۋاتىدۇ!» «مەن ھازىرلا بارىمەن!» 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتە، ئۈرۈمچى ناھىيەسى سارداۋان يېزىسى جۇڭلياڭ كەنتى داۋالاش ئورنىنىڭ دوختۇرى تيەن شۆسېن دېزىنفېكسىيەلەش ۋەزىپىسىنى ئەمدىلا تاماملاپ، ئۆيىگە قايتىپ تاماق يېيىشكە تېخى ئۈلگۈرمەيلا، كەنت ئاھالىسىنىڭ تېلېفونىنى ئېلىپ دەرھال دورا ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ سىرتقا ماڭدى. سول پۇتى مېيىپ بولغاچقا، ئۇ ھەر قېتىم كېسەل كۆرگىلى چىققاندا، خوتۇنىنى ئاۋارە قىلىپ شوپۇرلۇققا سالاتتى.

  نەچچە ئون يىللىق دوختۇرلۇق تەجرىبىسىگە ئىگە تيەن شۆسېن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ يەنە بىر قېتىم «يۇقۇم»غا قارشى جەڭنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلاندى، ئۇ چوڭقۇر ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: «17 يىل ئىلگىرى سارسقا تاقابىل تۇرۇشتا، مەن بىرىنچى سەپتە ئىدىم. پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاچقۇچلۇق پەيتتە چوقۇم ئاتلىنىشىم كېرەك. پۇقرالار ئۈچۈن كۆپرەك ئىش قىلىپ بەرگەندىلا، ئاندىن ئۇلار تېخىمۇ خاتىرجەم بولىدۇ».

  كەنت ئاھالىسى ما يۈفاڭنىڭ تاجسىمان يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ، تيەن شۆسېننىڭ جىددىي قۇتقۇزۇشى بىلەن ئاخىر خەتەردىن قۇتۇلدى. ئاغرىقنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تاپىلاپ بولغاندىن كېيىن، تيەن شۆسېن يەنە دەرھال بېرىپ كەنتتىكى ئۆيىدە ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان 11 كەنت ئاھالىسىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىدى. «بۇ خىزمەتنى ئۆزۈم يالغۇز ئۈستۈمگە ئالدىم، چۈنكى ئۆيگە كىرىشنىڭ بەلگىلىك خەتىرى بار.» تيەن شۆسېن ئۇچىسىدىكى مۇداپىئە كىيىمىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «مەن مۇداپىئە تەدبىرىنى ياخشى قىلىمەن، تەجرىبەممۇ كۆپ» دېدى.

  70 ياشقا يېقىنلاپ قالغان تيەن شۆسېن توغرىسىدا گەپ بولۇنغاندا، جۇڭلياڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ دېرېن قايىل بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بىز ئۇنىڭغا بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياشلارغا تاپشۇرۇپ بېرىش تەكلىپىنى بەرگەنىدۇق، لېكىن ئۇ كەنتنىڭ ئەھۋالىنى مەن ئەڭ چۈشىنىمەن، دەپ قەتئىي چىڭ تۇرۇۋېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭگە بېرىشنى تەلەپ قىلدى».

  «مېنىڭ تەجرىبەم بار، بۇنداق چاغدا مەن ئاتلانمىسام كىم ئاتلىنىدۇ»

  2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئاقيار بازىرى تاغارچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى جۇ يىڭخۇڭ مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىپ، ماسكا ۋە كۆز قوغداش ئەينىكى تاقاپ، يەنە بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى باشلىدى. «ئاكا، بۈگۈن بىئارام بولمىغانسىز؟ بەدەن تېمپېراتۇرىڭىز نورمال ئىكەن، ئىشىڭىز بولمىسا سىرتقا چىقماڭ، بىرەر ئىشىڭىز بولسا بىزگە تېلېفون قىلىڭ.» بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ بولغاندىن كېيىن، جۇ يىڭخۇڭ داۋاملىق يەنە بىر ئائىلىگە قاراپ ماڭدى.

  1- ئاينىڭ 24 - كۈنى كەچتە، ئەسلىدە ئۆيىگە قايتىپ چاغان ئۆتكۈزمەكچى بولغان جۇ يىڭخۇڭ بارلىق خادىملار خىزمەت ئورنىغا چىقىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خوشلىشىشقىمۇ ئۈلگۈرمەيلا، ئالدىراش كەنتكە قاراپ ماڭدى، شۇ تۇرغانچە يېرىم ئايغا يېقىن تۇردى. «كەنت ئاھالىلىرىگە يۇقۇمنى دەل ۋاقتىدا چۈشەندۈرۈپ، مۇداپىئەنى ياخشى قىلىش كېرەك» دېدى جۇ يىڭخۇڭ.

  ئەمەلىيەتتە، بۇ، جۇ يىڭخۇڭنىڭ بىرىنچى قېتىم يۇقۇمنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىشى ئەمەس. 2003 - يىلى، سارس يۇقۇمى يۈزبەرگەندە، 29 ياشلىق ئۇ ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئاددىي خەلق ساقچىسى ئىدى. ئۇ چاغدا، ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە ئۆلچەپ تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا نۆۋەتچىلىك قىلىپ، خىزمەت ئورنىدا سارس ئاخىرلاشقۇچە چىڭ تۇرغانىدى.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، جۇ يىڭخۇڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە كەنتلەرگە بېرىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، ئاممىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى، كەنتتىكى ھەربىر يول، ھەربىر ئائىلە قورۇسىدا ئۇنىڭ سىيماسى قالدى. «مەن ساقچى، شۇنداقلا پارتىيە ئەزاسى. سارس يۇقۇمىنى باشتىن كەچۈرگەن، تەجرىبەم بار، بۇنداق چاغدا مەن ئاتلانمىسام كىم ئاتلىنىدۇ؟!» دېدى جۇ يىڭخۇڭ.

  «بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇپ، ياشلارغا ئۈلگە بولىمەن»

  «تۈنۈگۈن قىزىم ئىچكىرى رايوندىن قايتىپ كەلگەنىدى، بىز ھەممىمىز ئۆيدە ئايرىلىپ تۇرۇۋاتىمىز، مەن مەسئۇل بولغان توك كاپالىتى ۋەزىپىسىنى قانداق قىلسام بولا؟» «ھېچقىسى يوق، مەن قىلاي!» 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئەمدىلا ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەن دۆلەت ئېلېكتىر تورى شايار ناھىيەلىك توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى ئاسراش - رېمونت قىلىش، تەكشۈرۈش - رېمونت قىلىش بەنىنىڭ بەنجاڭى مەمەت توختى خىزمەتدىشىنىڭ تېلېفونىنى ئېلىپ، ئەمدىلا سېلىۋەتكەن توك ئۆتمەس ئايىغىنى ئالدىراپ كىيىپ، توك كاپالىتى خىزمىتىگە يەنە بىر قېتىم ئاتلاندى.

  تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يۇقۇم ئالدىدا، 21 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە مەمەت تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭگە ئاتلىنىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن «تاسادىپىي» يۈزبەرگەن خىزمەت ئىشلىرىنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

  بۇ ئەھۋال، بۇ مەنزىرە 2003 - يىلى سارسقا تاقابىل تۇرغاندا ئۇ جەڭگە ئاتلىنىشنى تەلەپ قىلغان چاغدىكى ئاشۇ كۆرۈنۈشكە ئىنتايىن ئوخشايتتى، ئۇ چاغدا مەمەتمۇ بىرىنچى بولۇپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭگە ئاتلىنىشنى تەلەپ قىلىپ، ئىلگىرىكى خىزمەت ئورنى باي ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ يۈرۈشتۈرۈش بىرىنچى سېپىدە مۇداپىئەدە تۇرغانىدى. «ئۇ چاغدا ئېلېكتىر ئىستانسىمىزنىڭ پار قازان سېخىدا گەرچە ئىسمېنا ئالمىشىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىسسىقلىق، توك بىلەن تەمىنلەشتە چاتاق چىقماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەمەت چاقىرىققا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، ئەڭ جاپالىق كوكس كۆيدۈرۈش خىزمىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئالغانىدى» دېدى ئىلگىرىكى خىزمەتدىشى سۈن خۇڭيې ئەسلەپ.

  «مەن پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇپ، ياشلارغا ئۈلگە بولىمەن» دېدى مەمەت.

  (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىمىز فېي شۈەن، ليۇ يىمىڭ، جاڭ دۇڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار چى رەن، چاڭ شۈەي يازغان)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ