ئاپتونوم رايون مالىيەسى يەنە 108 مىليون يۈەن مەخسۇس خىراجەت ئاجراتتى
2020.02.11 15:40 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە يەنىمۇ كاپالەتلىك قىلىنىدۇ
ئۆز خەۋىرىمىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون مالىيەسى 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى يەنە 108 مىليون يۈەن مەخسۇس خىراجەت ئاجراتتى.
ئىگىلىنىشىچە، 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنىگە قەدەر، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيەلەر جەمئىي 1 مىليارد 331 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى پۇختا مالىيە كاپالىتى بىلەن تەمىنلىگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ