سۈرەتتە: 2-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى مەكتەپ رايونىدا، ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى جاڭ ۋېيباۋ سىن دەرسىنى سۈرەتكە ئالماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مەكتەپلەرنىڭ ئەتىيازلىق ئوقۇش باشلاش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلدى. تولۇقسىز 3- ۋە تولۇق 3-يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، بىر قىسىم مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلار توردا دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنى دەرس توختىغاندا ئۆگىنىشنى توختاتماسلىق ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ