شىنجاڭ پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلماقتا

2020.01.21 15:44 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 1-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ پەيزاۋات ناھىيەسى غولتوغراق بازىرى 3-باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما ئايخان مەمەت (سولدا) بىلەن بىر ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيىدە تۇرغان قەدىردىن ھۈسەن بىلەن بىللە ئارام ئالماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 1-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 9 غىچە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پەيزاۋات ناھىيەسى تەۋەسىدە يۈز بەرگەن 6.4 بال يەر تەۋرەشتە بىر ئادەم قازا قىلغان، ئىككى ئادەم يېنىك يارىلانغان، شۇ جايدىكى قىسمەن ئۆي، توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى ۋە قاتناش ئەسلىھەلىرى زىيانغا ئۇچرىغان. يەر تەۋرەشتىن كېيىن خاتىرىلەنگەن 3.0 بال ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى قالدۇق يەر تەۋرەش 10 قېتىمغا يەتكەن، ئەڭ چوڭ قالدۇق يەر تەۋرەش 5.2 بالغا يەتكەن.

  يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى دەرھال ئورۇنلاشتۇرۇپ، 2- دەرىجىلىك جىددىي تاقابىل تۇرۇشنى باشلاپ، يەر تەۋرەشكە قارشى تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابى ۋە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش-ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇردى، جىددىي تاقابىل تۇرۇش، يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش، ئوت ئۆچۈرۈش، قاتناش قاتارلىق تارماقلار يەر تەۋرىگەن رايونغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، شۇ جايدىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ