شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى پەيزاۋات ناھىيىسىدە 6.4 بال يەر تەۋرىدى

2020.01.20 14:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1- ئاينىڭ 19- كۈنى، ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى قەشقەر ۋوگزالىنىڭ 1- ۋوگزالىدىكى 1- رېلىس يوللىرىغا قارىتا يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئەسلەھەلەرنىڭ زىيانغا ئۇچىراش دائىرىسىنى ئۆلچىدى. جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تورىنىڭ رەسمىي ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، 2020- يىلى 1- ئاينىڭ 19- كۈنى سائەت 21 دىن 27 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پەيزاۋات ناھىيەسى (شىمالىي كەڭلىك 39.83 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 77.21 گىرادۇس)دە 6.4 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 16 كىلومېتىر بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ